ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشى يەكشەنبە كۈنى توپلىنىدۇ

ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشى ئىسىرائىلىيە بىلەن پەلەستىن ئوتتۇرىسىدا ئېشىپ بېرىۋاتقان كەسكىن ۋەزىيەت ۋە غەززەگە قىلىنغان ھاۋا ھۇجۇملىرىنى مۇزاكىرە قىلىش ئۈچۈن يەكشەنبە (2021-يىلى 16-ماي) توپلىنىشنى قارار قىلدى.

1639317
ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشى يەكشەنبە كۈنى توپلىنىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشى ئامېرىكانىڭ بۈگۈن (2021-يىلى 14-ماي) توپلىنىشقا قارشى چىقىشىدىن كېيىن، ئىسىرائىلىيە بىلەن پەلەستىن ئوتتۇرىسىدىكى كەسكىن ۋەزىيەتنى ۋە يۈز بەرگەن زوراۋانلىقلارنى يەكشەنبە كۈنى مۇزاكىرە قىلىش توغرىسىدا كېلىشتى.

ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشى مۇشۇ ھەپتە ئىچىدە ئىككى قېتىم توپلىنىشنى قارار قىلدى، ئەمما ئامېرىكانىڭ قارشى چىقىشى سەۋەبىدىن ھېچقانداق قارار چىقىرالمىدى. كېڭەش يەكشەنبە كۈنىدىكى يىغىن بىلەن ئۈچىنچى قېتىم توپلانغان بولىدۇ.

ب د ت باش كاتىپى ئانتونىيو گۇتېرس تۋىتتېردا، ئىسىرائىلىيە ۋە پەلەستىن ئوتتۇرىسىدىكى كەسكىن ۋەزىيەت ۋە زوراۋانلىقلاردا نۇرغۇن پۇقرالارنىڭ جېنىدىن ئايرىلغانلىقىنى ئەسكەرتىپ: «روزا ھېيتنىڭ يۈز-خاتىرىسى ئۈچۈن» توقۇنۇشلارنى دەرھال توختىتىشنى چاقىرىق قىلدى.

ئۇ: «نۇرغۇن پۇقرا جېنىدىن ئايرىلدى. بۇ توقۇنۇشلار رايوندا رادىكاللىقنى ۋە ئاشقۇنلۇقنى كۈچەيتىدۇ» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر