ئىسرائىلىيە باش مىنىستىرى باياناتلىرى ئارقىلىق جىددىيلىكنى تېخىمۇ كۈچەيتمەكتە

بىر تەرەپتە ئىسرائىلىيە ساقچىلىرىنىڭ پەلەستىنلىكلەرگە قاراتقان ھۇجۇملىرى داۋاملىشىۋاتقان بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن ئىسرائىلىيە باش مىنىستىرى بېنيامىن نېتانياھۇ ئېلان قىلغان باياناتلىرى ئارقىلىق  جىددىيلىكنى تېخىمۇ كۈچەيتىشنى داۋاملاشتۇرماقتا.

1638345
ئىسرائىلىيە باش مىنىستىرى باياناتلىرى ئارقىلىق جىددىيلىكنى تېخىمۇ كۈچەيتمەكتە

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى:  نېتانياھۇ: «بىز ئۇرۇشنىڭ ئوتتۇرىسىدا تۇرۇۋاتىمىز ۋە پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن ھۇجۇم قىلىشنى داۋاملاشتۇرىمىز» دېدى.

بىنيامىن نېتانياھۇ دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى بېننىي گانتىز ۋە ئارمىيە باش ئىشتاب باشلىقى ئاۋىۋ كوچاۋىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان ھەربىي ئەمەلدارلار بىلەن يىغىن ئاچتى.

بىنيامىن نېتانياھۇ ئىسرائىلىيەنىڭ ھۇجۇملىرىغا راكىتامىيوت بىلەن تاقابىل تۇرۇپ كېلىۋاتقان ھاماسنى «ئۇلار زور بەدەل تۆلەيدۇ» دېگەن سۆزلىرى ئارقىلىق ھۇجۇم نىشانى قىلدى ۋە ئۇرۇشنىڭ ۋاقىت ئالىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ، «بىز ئىسرائىلىيە خەلقىنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىمىز» دېدى.

نىتانىياھۇ يەنە ھۇجۇمنىڭ كۈچىنى ۋە سۈرئىتىنى ئاشۇرىدىغانلىقىنىمۇ تەكىتلىدى.

ئىسرائىلىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى بېننىي گانتىز بولسا، غەززەدىكى نىشانلارغا قارىتا ھازىرغىچە قىلىنغان ھۇجۇملارنىڭ پەقەت بىر باشلىنىش ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

غەززە رايونىدىكى پەلەستىن قارشىلىق كۆرسىتىش گۇرۇپپىلىرى، ئىسرائىلىيە ساقچىلىرىنىڭ ئىشغالىيەت ئاستىدىكى مەسچىت ئاقسادىن ۋە شەيخ جەرراھ مەھەللىسىدىن چېكىنىشى ئۈچۈن بېرىلگەن مۆھلەت توشقاندىمۇ چېكىمىگەنلىكىگە قارىتا ئىسرائىلىيەگە نۇرغۇن راكېتامىيوت ئاتقان ۋە 5 ئىسرائىلىيەلىك ئۆلگەن ئىدى.

بۇنىڭغا قارىتا ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى غەززە رايونىغا قارشى «سېپىلنى قوغداش» ناملىق ھەربىي ھەرىكەتنىڭ باشلانغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر