كولۇمبىيەدىكى ھۆكۈمەتكە قارشى كەڭ كۆلەملىك نامايىشتا 42 كىشى قازا قىلدى

كولۇمبىيەدە 28-ئاپرېلدىن بۇيان داۋاملىشىۋاتقان ھۆكۈمەتكە قارشى كەڭ كۆلەملىك نامايىشتا بىر ساقچىنى قوشقاندا، جەمئىي 42 كىشى قازا قىلدى.

1638268
كولۇمبىيەدىكى ھۆكۈمەتكە قارشى كەڭ كۆلەملىك نامايىشتا 42 كىشى قازا قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى:  كولۇمبىيە دائىرىلىرىنىڭ ئەڭ يېڭى سانلىق مەلۇماتلىرىغا ئاساسلانغاندا، 14 كۈندىن بېرى  داۋاملىشىۋاتقان نامايىشلاردا بۇ قېتىم 15 كىشى قازا قىلغان، شۇنىڭ بىلەن ئومۇمىي قازا قىلغانلار سانىنىڭ 42 كىشىگە يەتكەنلىكى جەزملەشتۈرۈلگەن.

يوقاپ كەتكەنلەرنىڭ سانىنىڭمۇ تۈنۈگۈن 548 گە يەتكەنلىكى، بولۇپمۇ پايتەخت بوگوتا، مېدېللىن ۋە جالى قاتارلىق شەھەرلەرنىڭ «مەملىكەتلىك ئىش تاشلاش» نامايىلىرىدا ئەڭ كۆپ ئادەم ئۆلۈش ۋەقەسى كۆرۈلگەن شەھەرلەر بولغانلىقى ئۇقتۇرۇلدى.

نامايىشلارنىڭ مەركىزىگە ئايلانغان كولۇمبىيەنىڭ ئۈچىنچى چوڭ شەھىرى جالىدا، ئالدىنقى كۈنى قوراللىق ئۇنسۇرلار يەرلىك ئاپتوموبىل ئەترىتىگە ھۇجۇم قىلغاندىن كېيىن، پىرېزىدېنت ئىۋان دۇك يەرلىك ئەمەلدارلار بىلەن جىددىي يىغىن چاقىرغان ئىدى.

پىرېزىدېنت دۇك گەرچە 2- مايدا نامايىش سەۋەبىدىن قازا قىلغانلار ۋە يارىلانغانلارنىڭ سانى ئاشقاندىن كېيىن باج ئىسلاھاتى قانۇن لايىھەسىنى چېكىندۈرگەنلىكىنى ئېلان قىلغان بولسىمۇ، كوچىلاردىكى نامايىشلار بارغانچە كۈچىيىپ داۋاملاشماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر