ئىسرائىلىيەنىڭ ھۇجۇملىرىدا شېھىت بولغانلارنىڭ سانى 24 كە يەتتى

ئىسرائىلىيەنىڭ تۈنۈگۈن كىچە غەززەگە قىلغان ھۇجۇملىرىدا شېھىت بولغانلار سانى 24 كە، يارىلانغانلار سانى 103 كە يەتتى.

1637823
ئىسرائىلىيەنىڭ ھۇجۇملىرىدا شېھىت بولغانلارنىڭ سانى 24 كە يەتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: غەززەدىكى سەھىيە مىنىستىرلىقى بايانات ئېلان قىلىپ، ئىسرائىلىيەنىڭ ئەڭ يېڭى ھۇجۇملىرىدا يەنە ئۈچ كىشىنىڭ قازا قىلىشى بىلەن جەمئىي قازا قىلغانلار سانىنىڭ 24 كە يەتكەنلىكىنى ئۇقتۇردى.

پۇقرالار قوغدىنىش ئەترىتىنىڭ بىر ئەمەلدارى، ئەڭ يېڭى ھۇجۇملاردىكى ئادەم ئۆلۈش ئەھۋالىنىڭ غەززەنىڭ غەربىدىكى بىر ئۆيدە مەيدانغا كەلگەنلىكىنى؛ مەزكۇر ئۆيدىكى جېنىدىن ئايرىلغان ئۈچ كىشىنىڭ بىرىنىڭ ئايال، بىرىنىڭ بىر مېيىپ پەلەستىنلىك ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

يەنە بىر تەرەپتىن، پەلەستىن دۆلەت رەئىسى مەھمۇد ئابباسنىڭ، ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەگە قاراتقان ھۇجۇملىرىدا نۇرغۇن كىشىنىڭ شېھىت بولغانلىقىنى، بۇ مۇناسىۋەت بىلەن روزا ھېيتنى تەبرىكلەش پائالىيەتلىرىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، بايراقلارنى يېرىم چۈشۈرۈش توغرىسىدا قارار چىقارغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

غەززە سەھىيە مىنىستىرلىقىنىڭ بۇنىڭدىن ئىلگىرىكى باياناتىدا، ئىسرائىلىيەنىڭ ھۇجۇملىرىدا توققۇز نەپىرى كىچىك بالا بولۇپ جەمئىي 21 كىشىنىڭ شېھىت بولغانلىقى، 95 كىشىنىڭ يارىلانغانلىقى قەيت قىلىنغانىدى.

دۈشەنبە كۈنى يېرىم كېچىدە ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى غەززەدە ھەربىي ھەرىكەت ئېلىپ بېرىشنى باشلىغانلىقىنى، غەززەگە ھاۋادىن زەربە بېرىلگەنلىكىنى، غەززە تەرەپتىن ئىسرائىلىيەنىڭ جەنۇبىغا گىراناتاميوت ئېتىلغانلىقىنى ئۇقتۇرغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر