دۇنيا ئەللىرى ئىسرائىلىيەنى ئەيىبلەشنى داۋاملاشتۇرماقتا

ۋېنېزۇئېلا مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى، قوشۇمچە ياۋروپاغا مەسئۇل مىنىستىر ياردەمچىسى يۋان گىل بىلەن مېكسىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى، ئىسرائىلىيەنىڭ مەسجىدى ئەقسا ۋە غەززەگە قىلغان ھۇجۇملىرىغا كۈچلۈك نارازىلىق بىلدۈردى.

1637861
دۇنيا ئەللىرى ئىسرائىلىيەنى ئەيىبلەشنى داۋاملاشتۇرماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: گىل ئۆزىنىڭ تىۋىتتېردىكى ئادرېسىدا ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەگە قاراتقان ھاۋا ھۇجۇملىرىنىڭ فوتو – سۈرەتلىرىنى ئورتاقلىشىپ: «ئىنسانلارنىڭ دېموكراتىيەسى ھۇجۇمغا ئۇچرىغاندا ئۆزىنى كىشىلىك ھوقۇق قوغدىغۇچىسى دەپ جاكارلىغانلار، ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئالدىدا سۈكۈت قىلماقتا! ئەمدى قىرغىنچىلىق توختىتىلسۇن!!» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

مېكسىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىمۇ تۋىتتېردىكى ئادرېسى ئارقىلىق بايانات بېرىپ، شەيخ جەرراھ مەھەللىسىدە ياشايدىغان پەلەستىنلىكلەرنىڭ ئۆي – ماكانلىرىدىن كۆچۈرۈۋېتىلىشىنىڭ كىشىنى ئەندىشىگە سالىدىغانلىقىنى بىلدۈردى ۋە قۇددۇس، غەززە ۋە باشقا رايونلاردا يۈز بېرىۋاتقان زوراۋانلىق ۋەقەلىرىدىن چوڭقۇر ئەندىشە قىلىنىۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، تېخىمۇ كۆپ كىشىنىڭ زىيانكەشلىككە ئۇچراپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن، ھەر ئىككى تەرەپنى سوغۇققان بولۇشقا چاقىردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر