لوندون خەلقى مۇسۇلمان شەھەر باشلىقى سادىق خاندىن ئىنتايىن مەمنۇن

ئەنگلىيەنىڭ پايتەختى لوندوندا ئۆتكۈزۈلگەن شەھەر باشلىقى سايلىمىدا، ئىشچىلار پارتىيەسىنىڭ مۇسۇلمان نامزاتى سادىق خان ئۇدا ئىككى قېتىم شەھەر باشلىقى بولۇپ سايلاندى.

1636871
لوندون خەلقى مۇسۇلمان شەھەر باشلىقى سادىق خاندىن ئىنتايىن مەمنۇن

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى:  پايتەخت لوندوندا تەخمىنەن 6 مىليون سايلىغۇچى شەھەر باشلىقى ۋە شەھەرلىك ھۆكۈمەت كېڭەش ئەزالىرىنى سايلاش ئۈچۈن 6 – مايدا بېلەت تاشلىغان بولۇپ، سايلامنىڭ رەسمىي نەتىجىسى ئېلان قىلىندى.

ئىشچىلار پارتىيەسىنىڭ نامزاتلىرى بىلەن ھاكىمىيەت بېشىدىكى كونسېرۋاتىپلار پارتىيەسىنىڭ نامزاتلىرى ئوتتۇرىسىدىكى رىقابەتتە، ئىشچىلار پارتىيەسى نامزاتى سادىق خان 1 مىليون 206 مىڭ 34 سايلىغۇچىنىڭ ئاۋازىغا ئېرىشىپ، قايتىدىن شەھەر باشلىقلى بولدى.

سادىق خاننىڭ ئەڭ يېقىن رەقىبى كونسېرۋاتىپلار پارتىيەسىنىڭ نامزاتى شاۋن بەيلېي بولسا، 977 مىڭ 601 بېلەتكە ئېرىشتى.

شۇنداق قىلىپ سادىق خان 2016-يىلدىكى سايلام غەلبىسىدىن كېيىن، ئىككىنچى قېتىم يەنە 5 يىلغىچە پايتەختنى باشقۇرۇش ھوقۇقىغا ئېگە بولدى.

سادىق خان كۆچمەن بىر پاكىستانلىق ئائىلىنىڭ پەرزەنتى بولۇش سبپىتى بىلەن 1970-يىلى لوندوندا تۇغۇلغان بولۇپ، سايلامدا %55.2 بېلەتكە ئېرىشتى.

سادىق خان نەتىجە ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن قىلغان سۆزىدە، «كوۋىد-19 يۇقۇمىنىڭ قاراڭغۇ كۈنلىرىدىن كېيىن، لوندوندا تېخىمۇ پارلاق بىر كەلگۈسى قۇرۇش ئۈچۈن تىرىشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

سايلامدا يېشىللار پارتىيەسىنىڭ كاندىداتى سىئان بېررى %7.8 ئاۋازغا ۋە ئەركىن دېموكراتلار پارتىيەسىنىڭ كاندىداتى لۇئىسا پوررىت بولسا، %4.4  ئاۋازغا ئېرىشتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر