ياۋروپا ئىتتىپاقى: مەسىلىلەرنى پىكرىي مۈلكىيەت ھوقۇقلىرىدىن ۋاز كېچىش ئارقىلىق ھەل قىلغىلى بولمايدۇ

ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتىنىڭ باشلىقى ئۇرسۇلا ۋون دېر لېيېن، «كوۋىد – 19 يۇقۇمى» ۋاكسىنىلىرىدا پىكرىي مۈلكىيەت ھوقۇقلىرىدىن ۋاز كېچىش ئارقىلىق مەسىلىلەرنى ھەل قىلغىلى بولمايدىغانلىقىنى ئېيتتى.

1636384
ياۋروپا ئىتتىپاقى: مەسىلىلەرنى پىكرىي مۈلكىيەت ھوقۇقلىرىدىن ۋاز كېچىش ئارقىلىق ھەل قىلغىلى بولمايدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: لېيېن، پورتۇگالىيەنىڭ پورتو شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن «ئىجتىمائىي ئىشلار باشلىقلار يىغىنى» دىن كېيىن ئۆتكۈزۈلگەن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، «كوۋىد – 19 يۇقۇمى» ۋاكسىنىلىرىدا پىكرىي مۈلكىيەت ھوقۇقلىرىدىن ۋاقىتلىق ۋاز كېچىلىشىگە مۇناسىۋەتلىك تالاش - تارتىشلار ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: «مېنىڭچە بۇ مەسىلە ھەققىدە مۇنازىرە ئېلىپ بېرىشقا ھازىرلىق كۆرۈپ قويۇشىمىز كېرەك. دەرۋەقە، بۇ مەسىلىنىڭ دائىرىسى ناھايىتى كەڭ بولۇپ، ھازىر ۋاكسىنىلارغا ئېھتىياجىمىز بار، پىكرىي مۈلكىيەت ھوقۇقلىرىدىن ۋاز كېچىش بىلەن مەسىلىلەرنى ھەل قىلغىلى بولمايدۇ، قىسقا ۋە ئوتتۇرا مەزگىلدە بىرلا قۇتا ۋاكسىنا تەتقىق قىلىپ ياساش نىشانىغا يەتكىلى بولمايدۇ.»

ئالدى بىلەن، ۋاكسىنىلارنى ئورتاقلىشىش، ئىشلەپچىقىرىلغان ۋاكسىنىلارنىڭ  ئېكسپورت قىلىنىشى ۋە ۋاكسىنا ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنىڭ ئاشۇرۇلۇشىغا قارىتا مەبلەغ سېلىشىنىڭ زۆرۈرلۈكىنى قەيت قىلغان لېيېن، ياۋروپادا تەتقىق قىلىپ ياساپ چىقىلغان ۋاكسىنىلارنىڭ يېرىمىنى دېگۈدەك ئېكسپورت قىلغانلىقلىرىنى، ھازىرغىچە 90 دۆلەتكە 200 مىليون قۇتا ۋاكسىنا ئەۋەتكەنلىكلىرىنى تەكىتلىدى.

ئۇ يەنە، پىكرىي مۈلكىيەت ھوقۇقلىرىدىن ۋاز كېچىشكە مۇناسىۋەتلىك تالاش – تارتىشلارغا داخىل بولۇۋاتقان باشقا دۆلەتلەرنىمۇ ئۆزلىرى ئىشلەپچىقارغان ۋاكسىنىلارنى ئېكسپورت قىلىشقا چاقىردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر