ب د ت ئىسرائىلىيەگە نارازىلىق بىلدۈردى

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى 75 – نۆۋەتلىك ئومۇمىي كېڭەشنىڭ باشلىقى ۋولقان بوزقىر، مەسجىدى ئەقسانىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان بارلىق ئىبادەتخانىلارغا ھۆرمەت قىلىنىشى توغرۇلۇق چاقىرىقتا بولدى.

1636364
ب د ت ئىسرائىلىيەگە نارازىلىق بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ۋولقان بوزقىر، ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى Twitter سەھىپىسىدە ئېلان قىلغان باياناتىدا، ئىسرائىلىيە ساقچىلىرىنىڭ قۇددۇستا مەسجىدى ئەقساغا ئاۋاز بومبىلىرى ئارقىلىق مۇداخىلە قىلىشىغا نارازىلىق بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى: « ئىسرائىلىيە ساقچىلىرىنىڭ، مۇقەددەس رامىزان ئېيىنىڭ ئاخىرقى جۈمە كۈنىدە، قۇددۇستا مەسجىدى ئەقساغا ئاۋاز بومبىلىرى ئارقىلىق مۇداخىلە قىلىشىدىن تولىمۇ ئەپسۇسلاندىم. 1.8 مىليارد مۇسۇلمان ئۈچۈن مۇقەددەس ۋە مۇھىم بولغان مەسجىدى ئەقسانىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان بارلىق ئىبادەتخانىلارغا ھۆرمەت قىلىنىشى توغرۇلۇق چاقىرىقتا بولىمەن.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر