ئۆلۈم جازاسى ئىجرا قىلىندى، بىگۇناھ ئىكەنلىكى 29 يىل ئۆتكەندىن كېيىن ئوتتۇرىغا چىقتى

ئامېرىكادا ئادەم ئۆلتۈرۈش جىنايىتى بىلەن ئەيىبلىنىپ ئۆلۈم جازاسى ئىجرا قىلىنغان بىر كىشىنىڭ بىگۇناھ ئىكەنلىكى ئارىدىن يىللار ئۆتكەندىن كېيىن ئوتتۇرىغا چىقتى.

1635344
ئۆلۈم جازاسى ئىجرا قىلىندى، بىگۇناھ ئىكەنلىكى 29 يىل ئۆتكەندىن كېيىن ئوتتۇرىغا چىقتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: لېدېل لې (Ledell Lee) 1993-يىلى ئاركانساستا قوشنىسى دېبرا رېس (Debra Reese) نى ئۆلتۈرۈش بىلەن ئەيىبلەنگەن ۋە 2017-يىلى ئۆلۈم جازاسى ئىجرا قىلىنغان.

لېدېل لېنىڭ ئائىلىسى ئۆتكەن يىلى (2020) دەۋاسىدا قوشۇمچە تەكشۈرۈشلەرنى تەلەپ قىلدى.

ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار د ن ئا تەكشۈرۈشىنىڭ، جىنايەت ئۆتكۈزۈلگەن نەق مەيداندىن ئېلىنغان دەلىللەردە كىملىكى نامەلۇم بىر ئەر كىشىنىڭ گېنلىرىنىڭ تېپىلغانلىقىنى كۆرسىتىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

قوشۇمچە تەكشۈرۈش ۋە بارماق ئىزى ئانالىزىنىڭ بىر نۇسخىسىنى ئاشكارىلىغان گۇرۇپپىلار، ئۆلۈم جازاسى ئىجرا قىلىنغان لېدېل لېدىن باشقا بىر ئەر كىشىنىڭ د ن ئا سىنىڭ، جىنايەت قورالى بولغان ياغاچ كالتەك سېپىدا ۋە قورالنى ئورىغان كۆڭلەكنىڭ ئۈستىدە بايقالغانلىقىنى بىلدۈردى.

بەش بارماق ئىزى تەتقىقاتچىلىرى قولغا چۈشۈرۈلگەن بارماق ئىزلىرىنى تەكشۈرۈپ، ھېچبىرىنىڭ لېدېل لېنىڭ ئەمەسلىكىنى ئېلان قىلدى.

ئامېرىكا «بىگۇناھ لايھەسى» نىڭ پېشقەدەم مەسلىھەتچىسى نىنا موررىسون (Nina Morrison): «دەلىل-ئىسپاتلار توپلىنىپ ئارىدىن 29 يىل ئۆتكەندە، نەتىجىلەرنىڭ كەمچىل ۋە قىسمەن ئىكەنلىكى ئىسپاتلاندى. لېدېل لې سوتلانغان ۋاقىتتا بولمىغان يېڭى DNA ئارخىپىنىڭ بار بولۇشى دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدۇ» دېدى.

ئەسلى ئافرىقالىق بولغان لېدېل لې ئاركانساستا 10 يىلدىن ئارتۇق ۋاقىتتىن بۇيان ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان تۇنجى مەھبۇس ئىدى. 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر