پ ك ك كورد ئەسكەرلىرىگە ھۇجۇم قىلدى

بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك، ئىراقنىڭ ئەربىل شەھىرىدە ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان ئىراق كورد رايونلۇق ھۆكۈمىتى ئەسكەرلىرى (پەشمەرگەلەر)گە ھۇجۇم قىلدى.

1634982
پ ك ك كورد ئەسكەرلىرىگە ھۇجۇم قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەربىلدىكى ھەرقايسى تاراتقۇلار، بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك تېررورچىلىرىنىڭ ئەربىلنىڭ سوران ناھىيەسى سىدەكان بازىرىدىكى پەشمەرگە (كورد رايونلۇق ھۆكۈمەت ئەسكىرى)لەرگە ھۇجۇم قىلغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

پەشمەرگە قىسىملىرى قوماندانى بۇ بەرھەم ئارىف ياسىن بۇ ھەقتە بايانات بېرىپ، پ ك ك سىدەكاندىكى پەشمەرگە مەركىزىگە ھۇجۇم قىلغانلىقىنى، ۋەقەدە ئادەم ئۆلۈش ياكى يارىلىنىش ئەھۋالىنىڭ كۆرۈلمىگەنلىكىنى بىلدۈردى.

12 – مارتتا سىدەكان بازىرىدىكى بىر يولغا  پ ك ك تەرىپىدىن ئورۇنلاشتۇرۇلغان بومبا پەشمەرگە ئاپتوموبىلى ئۆتۈپ كېتىۋاتقان ئەسناسىدا پارتلىغان؛ ۋەقەدە بىر پەشمەرگە ئۆلگەن، بىر پەشمەرگە يارىلانغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر