مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئەسناسىدىكى تۈركىيە ئايروپىلانى كۆرۈنۈشى قىزىق تېمىغا ئايلاندى

ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتىنىڭ كېڭيىش ئىشلىرى كومىسسارى ئولىۋېر ۋارخېلى بىلەن ئالبانىيە باش مىنىستىرى ئەدى رامانىڭ مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئەسناسىدىكى تۈرك ھاۋا يوللىرى شىركىتى ئايروپىلانى كۆرۈنۈشى قىزىق تېمىغا ئايلاندى.

1634961
مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئەسناسىدىكى تۈركىيە ئايروپىلانى كۆرۈنۈشى قىزىق تېمىغا ئايلاندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتىنىڭ كېڭيىش ئىشلىرى كومىسسارى ئولىۋېر ۋارخېلى بىلەن ئالبانىيە باش مىنىستىرى ئەدى رامانىڭ مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئەسناسىدا، تۈركىيە ھاۋا يوللىرى شىركىتى — THY نىڭ بىر يولۇچىلار ئايروپىلانىنىڭ ئارقا تەرەپتىن ئۆتۈشى قىزىقارلىق كۆرۈنۈشلەرنى ئوتتۇرىغا چىقاردى.

ئولىۋېر ۋارخېلى پايتەخت تىراندىكى ياۋروپا ئىتتىپاقى ئالبانىيەگە ئەۋەتكەن  ۋاكسىنىلارنى ئۆتكۈزۈپ بېرىش مۇراسىمىدا باش مىنىستىر ئەدى راما بىلەن قوشما مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى.

ئىككى رەھبەرنىڭ قوشما مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئەسناسىدا، تۈركىيە ھاۋا يوللىرى شىركىتى يولۇچىلار ئايروپىلانى ئۇچۇش يولىدا ئىلگىرىلەشكە باشلىدى؛ ئىككى رەھبەر تۈركىيە ھاۋا يوللىرى شىركىتىنىڭ نامىنى ئايرىم – ئايرىم تەكرارلاپ كۈلۈمسىرىدى. تېلېۋىزىيە قاناللىرىدا بىۋاسىتە تارقىتىلغان كۆرۈنۈشلەر قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا نۇرغۇن قېتىم ھەمبەھىرلەندى ۋە «تۈركىيەنىڭ بالقان رايونىغا قاراتقان دىپلوماتىيە سىياسىتىنى بۇنىڭدىنمۇ ياخشى ئىپادىلەپ بەرگىلى بولمايتتى» دېگەندەك قاراشلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر