ئامېرىكا: ئافغانىستاندىن چېكىنىش %2 بىلەن %6 ئارىلىقىدا ئىشقا ئاشۇرۇلدى

ئامېرىكا مەركىزىي قىسىملار قوماندانلىقى، ئامېرىكا ئەسكەرلىرىنى ئافغانىستاندىن چېكىندۈرۈش خىزمەتلىرىنىڭ %2 بىلەن %6 ئارىلىقىدا ئىشقا ئاشۇرۇلۇپ بولغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

1634205
ئامېرىكا: ئافغانىستاندىن چېكىنىش %2 بىلەن %6 ئارىلىقىدا ئىشقا ئاشۇرۇلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا پىرېزىدېنتى جو بايدىننىڭ 11 – سېنتەبىر ۋەقەسىنىڭ خاتىرە كۈنىگىچە ئافغانىستاندىكى ئامېرىكا ئەسكەرلىرىنى تولۇق چېكىندۈرۈپ بولۇش توغرىسىدىكى قارارىدىن كېيىن باشلانغان ئەسكەر چېكىندۈرۈش خىزمەتلىرى داۋاملاشماقتا.

ئامېرىكا مەركىزىي قىسىملار قوماندانلىقى  بايانات ئېلان قىلىپ، پىرېزىدېنتنىڭ قارارىدىن بۇيان، تەخمىنەن 60 دانە C-17 تىپلىق ئايروپىلان يۈكى ئافغانىستاندىن يۆتكەپ كېتىلدى، دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

ئامېرىكانىڭ ئافغانىستاندىكى «New Atontik» ھەربىي بازىسىنى ئافغانىستان ئارمىيەسىگە ئۆتكۈزۈپ بەرگەنلىكىگە ئىشارەت قىلىنغان باياناتتا: «مەركىزىي قىسىملار قوماندانلىقى چېكىنىشنىڭ %2 بىلەن %6 ئارىلىقىدا ئىشقا ئاشۇرۇلۇپ بولغانلىقىنى مۆلچەرلىمەكتە» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بېرىلدى.

باياناتتا، قوماندانلىقنىڭ ھەر ھەپتە بايانات ئېلان قىلىپ، تەخمىنەن چېكىنىش نىسبىتى ھەققىدە چۈشەنچە بېرىدىغانلىقى ئەسكەرتىلدى.

ئامېرىكا ھۆكۈمىتى 2020- يىلى 2- ئاينىڭ 29- كۈنى تالىبانلار بىلەن كېلىشىم تۈزگەن ۋە 2021- يىلى 5- ئاينىڭ 1- كۈنى ئافغانىستاندىن چېكىنىش توغرىسىدا بىردەكلىك ھاسىل قىلغانىدى.

پىرېزىدېنت جو بايدىن ھۆكۈمىتى، 1- مايدىن 11- سېنتەبىرگىچە بولغان ئارىلىقتا ئافغانىستاندىن پۈتۈنلەي چېكىنىپ بولىدىغانلىقلىرىنى ئېلان قىلغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر