كولۇمبىيەدىكى نامايىشلاردا 19 كىشى قازا قىلدى

كولۇمبىيەدە 28- ئاپرېلدىن بېرى داۋاملىشىۋاتقان باج ئىسلاھاتىغا قارشى كەڭ كۆلەملىك نامايىشلاردا، ھاياتىدىن ئايرىلغانلارنىڭ سانى 19 غا ۋە يارىلانغانلارنىڭ سانى 846 گە يەتتى.

1634222
كولۇمبىيەدىكى نامايىشلاردا 19 كىشى قازا قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: نامايىش مەركىزى بولغان پايتەخت بوگوتانىڭ تارىخى بولىۋار مەيدانىغا قاراپ يۈرۈش قىلغان  نامايىشچىلار، قوللىرىدا لوزۇنكىلارنى كۆتۈرۈشۈپ، پىرېزىدېنت ئىۋان دۇكنىڭ ئىقتىسادىي سىياسىتىگە نارازىلىق بىلدۈردى.

بولۇپمۇ مېدېللىن، جالى ۋە باررانكۇلا قاتارلىق شەھەرلەردە مەيدانلاردا يۈرۈش قىلغان مىڭلىغان كىشى ھۆكۈمەتكە ۋە ساقچىلارنىڭ نامايىشچىلارغا تۇتقان پوزىتسىيىسىگە ئېتىراز بىلدۈردى.

توپىلاڭغا تاقابىل تۇرۇش قىسمىدىكى ساقچى خادىملىرى بىلەن نامايىشچىلار ئوتتۇرىسىدا بوگوتانىڭ بەزى رايونلىرىدا توقۇنۇش يۈز بەردى.

ساقچىلار زوراۋانلىق ۋەقەلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان دېگەن سەۋەب بىلەن ھازىرغىچە 431 كىشىنى قولغا ئالدى.

دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى دىئېگو مولانو ئېلان قىلغان باياناتىدا، كوچىدىكى زوراۋانلىق ۋەقەلىرىگە قارىتا سابىق كولۇمبىيە ئىنقىلابى قوراللىق كۈچلىرى ۋە ماركىسىزم تەشكىلاتى مىللىي ئازادلىق ئارمىيەسىنى ئەيىبلىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر