فىرانسىيە «چادنىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلاشماسلىق» قا چاقىرىلدى

دۇنيا مۇسۇلمان ئۆلىمالار بىرلىكى فىرانسىيەنى «چادنىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلاشماسلىق» قا چاقىردى.

1634299
فىرانسىيە «چادنىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلاشماسلىق» قا چاقىرىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دۇنيا مۇسۇلمان ئۆلىمالار بىرلىكى رەئىسى پىروفېسسور دوكتور ئەھمەد ئەررەيسۇنى ۋە باش كاتىپى ئەلى مۇھيىددىن ئەلقاراداغى تەستىقلىغان باياناتتا، دۇنيا مۇسۇلمان ئۆلىمالار بىرلىكىنىڭ، چادتا يۈز بېرىۋاتقان ئۆزگىرىشلەرنى، ھاكىمىيەت تالىشىش كۈرىشى سەۋەب بولۇۋاتقان ئەھۋالنى، ئۆتكۈنچى ھەربىي كېڭەش بىلەن ئۆكتىچىلەر ئوتتۇرىسىدا داۋاملىشىۋاتقان توقۇنۇشنى قاتتىق ئەندىشە ئىچىدە كۆزىتىۋاتقانلىقى تەكىتلەندى.

بۇ ئەھۋال ئالدىدا، فىرانسىيە، ئارمىيەسىنى چادتىن چېكىندۈرۈش ۋە دۆلەتنىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلىشىشتىن ۋاز كېچىشكە چاقىرىق قىلىنغان باياناتتا،  ئۆتكۈنچى ھەربىي كېڭەشتىن، ئەركىن ۋە ئوچۇق – ئاشكارا يوسۇندا ئۆتكۈزۈلىدىغان سايلاملار ئارقىلىق ھاكىمىيەتنىڭ تىنچ شەكىلدە ئالمىشىشى ۋە تىنچ ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان نامايىشچىلارغا ھۇجۇم قىلىنماسلىقىنى قولغا كەلتۈرۈشى تەلەپ قىلىندى.

دۆلەتنىڭ شىمالىدا، چادتا ئۆزگىرىش ۋە ماسلىق ئالدىنقى سېپىگە قارشى ئېلىپ بېرىلغان ھەربىي ھەرىكەت داۋامىدا،  چاد پىرېزىدېنتى ئىدرىس دېبى ئىتنونىڭ 19 – ئاپرېل كۈنى ئۆلتۈرۈلۈشىدىن كېيىن، ئۇنىڭ 37 ياشلىق ئوغلى، پىرېزىدېنت مەھكىمىسى مۇھاپىزەتچىلەر پولكىنىڭ قوماندانى، لېيتېنانت گېنېرال مۇھەممەد ئىدرىس دېبى، 20-ئاپرېل كۈنى، ئۆتكۈنچى ھەربىي كېڭەشنىڭ باشلىقلىقىغا تەيىنلەنگەنىدى.

چادتا ھاكىمىيەتنى تارتىۋالغان كېڭەش،  ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتىنىڭ 18 ئاي ئىكەنلىكىنى ئېلان قىلغان، پارلامېنت ۋە ھۆكۈمەتنى تارقىتىۋەتكەنىدى. كېڭەش، 27-ئاپرېل كۈنى، سابىق باش مىنىستىر پاھىمى پاداكې ئالبېرتنى ۋاقىتلىق باش مىنىستىر قىلىپ تەيىنلىگەنىدى.

چادتا ئۆتكۈنچى ھەربىي ئىشلار كومىتېتى ھۆكۈمىتىگە قارشى 27-ئاپرېل كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن نامايىشلاردا 6 ئادەم قازا قىلغان، 700 دىن ئارتۇق كىشى قولغا ئېلىنغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر