دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى بىلەن گېرمانىيە يېڭى ۋىرۇس مەركىزى قۇرىدۇ

دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى بىلەن گېرمانىيە كەلگۈسىدە ئوتتۇرىغا چىقىشى مۇمكىن بولغان ۋىرۇسلار ئۈچۈن ئالدىن ئاگاھلاندۇرۇش سىستېمىسى بولىدىغان يېڭى دۇنياۋى مەركەز قۇرىدىغانلىقلىرىنى ئېلان قىلدى.

1634762
دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى بىلەن گېرمانىيە يېڭى ۋىرۇس مەركىزى قۇرىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى دىرېكتورى تېدروس ئادخانوم غېبرېيېسۇس (Tedros Adhanom Ghebreyesus) شىۋېيتسارىيە پايتەختى جەنۋە شەھىرىدىكى  مەركەزدە ئۆتكۈزۈلگەن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، يېڭى ۋىرۇس مەركىزىنىڭ گېرمانىيە پايتەختى بېرلىندا قۇرۇلىدىغانلىقىنى ۋە دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ھەسسىدارلىرى بىلەن خىزمەت قىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

ئۇ: «ۋۇخەن ۋىرۇسى ساۋاقلىرىدىن بىرى، رەھبەرلەرنىڭ ئاڭلىق ھالدا خەلق ساغلاملىقىغا مۇناسىۋەتلىك قارارلارنى چىقىرىشىغا ياردەم قىلىش ئۈچۈن، دۇنيانىڭ سانلىق مەلۇمات ئانالىزلىرىدا مۇھىم ئىلگىرىلەشكە ئېھتىياجلىق بولۇشى ھېسابلىنىدۇ» دېدى.

گېرمانىيە باش مىنىستىرى ئانگېلا مېركېلمۇ يىغىنغا سىن شەكلىدە قاتناشتى.

ئۇ: «ۋۇخەن ۋىرۇسى (Kovid-19) بىزگە كەلگۈسىدىكى يۇقۇم ۋە ۋابالارغا قارشى بىرلىكتە كۈرەش قىلىشىمىز كېرەكلىكىنى ئۆگەتتى» دېدى.

ئۇ بېرلىندا دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى كونتروللۇقى ئاستىدىكى يېڭى مەركەزنىڭ، ئوخشىمىغان دۆلەت، ئاكادېمىيە ۋە خۇسۇسىي شىركەت ۋەكىللىرىنىڭ ھەسسە قوشۇشى بىلەن، دۇنيا خاراكتېرلىك ۋابالارنىڭ ئالدىنى ئېلىش مۇنبىرى بولىدىغانلىقىنى قەيت قىلدى.

گېرمانىيە باش مىنىستىرى يېنس شفان (Jens Spahn) مەركەزنىڭ يۇقۇم ۋە ۋابا خەتەرلىرىنى ئالدىن تەخمىن قىلىش، ئالدىنى ئېلىش، بايقاش، تەييارلىق قىلىش ۋە بۇلارغا جاۋاب بېرىش ئۈچۈن، دۇنيا خاراكتېرلىك مەركەز بولىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر