بىرمادىكى توقۇنۇشلاردا سەككىز ئەسكەر ئۆلدى

بىرمانىڭ باڭلادېش چېگراسىدىكى چىن ئىشتاتىدا ھەربىي ئۆزگىرىشكە قارشى ئېتنىك قوراللىق گۇرۇپپىلاردىن چىنلەند مۇداپىئە قىسىملىرى بىلەن بىرما ئارمىيەسى ئوتتۇرىسىدا چىققان توقۇنۇشلاردا، سەككىز بىرما ئەسكىرى ئۆلدى.

1634314
بىرمادىكى توقۇنۇشلاردا سەككىز ئەسكەر ئۆلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: چىنلەند مۇداپىئە قىسىملىرىنىڭ نام-شەرىپىنى ئاشكارلاشنى خالىمىغان بىر مەسئۇلى بىرما «Now» خەۋەرلەر تورىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، 2-3- ماي كۈنلىرىدە ئىشتاتقا قاراشلىق خاخا شەھىرىدە بىرما ئارمىيەسى بىلەن توقۇنۇش يۈز بەرگەنلىكىنى بىلدۈردى.

مەسئۇل خادىم بىرما ئارمىيەسىنىڭ پۇقرالارغا قىلغان ھۇجۇملىرىغا قارشىلىق كۆرسەتكەنلىكلىرىنى بىلدۈرۈپ، توقۇنۇشلاردا بىرما ئارمىيەسىنىڭ سەككىز ئەسكىرىنىڭ ئۆلگەنلىكىنى ئەسكەرتتى.

چىنلەند مۇداپىئە قىسىملىرى 1-فېۋرال يۈز بەرگەن ھەربىي ئۆزگىرىشتىن كېيىن، نامايىشچىلارنى بىرما ئارمىيەسىدىن قوغداش ئۈچۈن قۇرۇلغان ئىدى.

ھەربىي ئۆزگىرىشتىن بۇيان بىرما ھاۋا ئارمىيە قىسىملىرىدىن تەخمىنەن 80 خادىم، ھەربىي ھاكىمىيەتنىڭ بۇيرۇقلىرىغا قارشى چىقىپ نامايىشچىلار سېپىگە ئۆتتى.

بىرما ھەربىي ھاكىمىيىتى دۆلەت ئىچىدە خەلقئارالىق تېلېۋىزىيە قاناللىرىغا ئۇلىنىدىغان سۈنئىي ھەمراھ قوبۇل قىلىش ئانتىنالىرى ئىشلىتىشنى چەكلىدى.

بىرمانىڭ ب د ت دىكى دائىمىي ۋەكىلى كياۋ موتۇن ئامېرىكانى بىرما ئارمىيەسىگە تېخىمۇ كۆپ ئېمبارەو يۈرگۈزۈشكە چاقىردى.

بىرما ئارمىيەسى 2020-يىلى 8-نويابىر ئۆتكۈزۈلگەن سايلامدا ساختىپەزلىك قىلىنغانلىقىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈلۈشى بىلەن دۆلەت ئىچىدە سىياسىي يىرىكچىلىك كەسكىنلەشكەندىن كېيىن، 1-فېۋرال (2021) ھۆكۈمەتنى ئۆتكۈزۈۋالغان ئىدى.

بىرما ئارمىيەسى بىرمانىڭ ئەمەلىيەتتىكى رەھبىرى ۋە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئاڭ سان سۇچى قاتارلىق دۆلەت ۋە ھاكىمىيەت بېشىدىكى پارتىيەنىڭ رەھبەرلىرىنى تۇتقۇن قىلىپ، بىر يىللىق جىددىي ھالەت ئېلان قىلغان ئىدى.

بىرما ئارمىيەسىنىڭ ھەربىي ئۆزگىرىشكە قارشى چىققان نامايىشچىلارنى قوراللىق باستۇرۇشى نەتىجىسىدە ھازىرغىچە 769 پۇقرا جېنىدىن ئايرىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر