ئىتالىيەدە تۇنجى «كوۋىدسىز ئارال» ئېلان قىلىندى

ئىتالىيەدە ۋاكسىنا ئەملەش سەپەرۋەرلىكى تاماملانغان پروكىدا ئارىلى تۇنجى «كوۋىدسىز ئارال» غا ئايلاندى

1633511
ئىتالىيەدە تۇنجى «كوۋىدسىز ئارال» ئېلان قىلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ناپولى شەھىرى دېڭىز تەۋەلىكىگە قاراشلىق ساياھەت ئورۇنلىرىدىن بىرى بولغان پروكىدا ئارىلىدا ئولتۇرۇشلۇق كىشىلەرنىڭ ھەممىسى كوۋىد -19 غا قارشى ۋاكسىنا ئەملىنىپ بولدى.

شۇنداق قىلىپ، پروكىدا پۈتۈن ئولتۇراق نۇپۇسىغا ۋاكسىنا ئەملىنىپ بولغان تۇنجى ئىتالىيە ئارىلىغا ئايلاندى.

پروكىدا ئارىلىدا تەخمىنەن 6900 ۋاكسىنا ئەملەندى ۋە بۇنىڭ تىزىمغا ئالدۇرۇلغان نۇپۇسنىڭ %92 نى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

ۋاكسىنا ئەملىنىش نىسبىتى يۇقىرى سەۋىيەگە چىقىشى بىلەن ئارالدا ۋىرۇسنىڭ تارقىلىش خەۋپىنىڭ ئازىيىشىغا تۆھپە قوشقانلىقى ئۇقتۇرۇلدى.

پروكىدادىن قالسىلا ئۇنىڭغا قوشنا ئىسچيا ئارىلىدىمۇ ئەتەدىن باشلاپ ئارال ئاھالىلىرىگە ۋاكسىنا ئەملەشنىڭ كۈچەيتىلىدىغانلىقى خەۋەر قىلىندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر