ئىسرائىلىيەدە يۇقۇمنىڭ بىرازىلىيە ۋە چىلى ۋارىيانتلىرى بايقالدى

ئىسرائىلىيەدە تۇنجى قېتىم كوۋىد – 19 يۇقۇمىنىڭ بىرازىلىيە ۋە چىلى ۋارىيانتلىرى بايقالدى.

1633382
ئىسرائىلىيەدە يۇقۇمنىڭ بىرازىلىيە ۋە چىلى ۋارىيانتلىرى بايقالدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىسرائىلىيە سەھىيە مىنىستىرلىقى يازما بايانات ئېلان قىلىپ، كوۋىد - 19  ۋاكسىنىسى ئەملەتكەندىن كېيىن چەت ئەلدىن قايتقان ئۈچ ئىسرائىلىيەلىكنىڭ ئىككىسىدە يۇقۇمنىڭ بىرازىلىيە، يەنە بىرىدە چىلى ۋارىيانتىنىڭ بايقالغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

باياناتتا يەنە، ھەممىسى چەت ئەل پۇقراسى بولغان 19 كىشىدە يۇقۇمنىڭ ھىندىستان ۋارىيانتىنىڭ بايقانلىقى، شۇنىڭ بىلەن ئىسرائىلىيەدىكى يۇقۇمنىڭ ھىندىستان ۋارىيانتىنى يۇقتۇرۇۋالغانلار سانىنىڭ 60 قا يەتكەنلىكى قەيت قىلىندى.

ئىسرائىلىيەدە ئۆتكەن ھەپتە تۆت نەپىرى ۋاكسىنا ئەملەنگەنلەر بولۇپ جەمئىي 41 كىشىدە كوۋىد – 19 يۇقۇمىنىڭ ھىندىستان ۋارىيانتى بايقالغانىدى.

نوپۇسى بىلەن سېلىشتۇرغاندا، دۇنيادىكى ئەڭ كۆپ ۋاكسىنا ئەملەنگەن دۆلەت بولغان ئىسرائىلىيەدە، يېقىنقى بىر نەچچە ھەپتە ئىچىدە كۈندىلىك يۇقۇملانغۇچىلار سانى 200 دىن تۆۋەن بولماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر