ئامېرىكا مەركىزىي ئاخبارات ئىدارىسىنىڭ ۋىرجىنىيەدىكى مەركىزى ئالدىدا بىر كىشى ئېتىۋېتىلدى

ئامېرىكا فېدېراتسىيە تەكشۈرۈش ئىدارىسى (FBI) مەركىزىي ئاخبارات ئىدارىسى (CIA) نىڭ ۋىرجىنىيەدىكى مەركىزىنىڭ ئالدىدا قوراللىق گۇمانلىق بىر كىشىنىڭ خەۋپسىزلىك كۈچلىرى تەرىپىدىن ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى ئېلان قىلدى.

1633496
ئامېرىكا مەركىزىي ئاخبارات ئىدارىسىنىڭ ۋىرجىنىيەدىكى مەركىزى ئالدىدا بىر كىشى ئېتىۋېتىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا فېدېراتسىيە تەكشۈرۈش ئىدارىسى (FBI) مەركىزىي ئاخبارات ئىدارىسى (CIA) نىڭ ۋىرجىنىيەدىكى مەركىزىنىڭ ئالدىدا قوراللىق گۇمانلىق بىر كىشىنىڭ خەۋپسىزلىك كۈچلىرى تەرىپىدىن ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى ئېلان قىلدى.

ئامېرىكا فېدېراتسىيە تەكشۈرۈش ئىدارىسى ۋاشىنگتوندىكى مەركىزىنىڭ بۇ ھەقتىكى باياناتىدا: «فېدېراتسىيە تەكشۈرۈش ئىدارىسى 2021-يىلى 3-ماي (دۈشەنبە) شۇ يەر ۋاقتى كەچ سائەت 06:00 دە، فېدېراتسىيە تەكشۈرۈش ئىدارىسىنىڭ بىر خادىمى ئارىلاشقان قوراللىق ۋەقە تەكشۈرۈلۈۋاتىدۇ. مەركىزىي ئاخبارات ئىدارىسىنىڭ ۋىرجىنىيەدىكى مەركىزىنىڭ ئالدىدا بىخەتەرلىك ۋەقەسىگە ئارىلاشقان قوراللىق بىر كىشى ئاپتوموبىلىدىن چۈشۈپ خەۋپسىزلىك كۈچلىرىگە ئوق ئاتتى» دېيىلدى.

ئامېرىكا مەركىزىي ئاخبارات ئىدارىسىنىڭ باياناتىدا، ۋەقەنىڭ «بىخەتەرلىك ۋەقەسى» ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ: «مەركىزىمىزنىڭ ئەھۋالى بىخەتەر. ۋەقەگە ئارىلاشقان خادىمىمىز پەقەت ۋەقەنى تەكشۈرگەن ئامانلىق ساقلاش خادىمىمىزدۇر» دېيىلدى.

مەركىزىي ئاخبارات ئىدارىسى ۋەقە يۈز بەرگەندىن كېيىن بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنى كۈچەيتكەنلىكىنى ئۇقتۇردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر