مېكسىكادا بىر مېترو ئۆتۈشمە كۆۋرۈكى ئۈستىدىكى پويىز ۋاگونلىرى بىلەن بىرلىكتە ئۆرۈلۈپ چۈشتى

مېكسىكادا مېترو ئۆتۈشمە كۆۋرۈكى ئۆرۈلۈپ چۈشۈپ، 15 كىشى قازا قىلدى ۋە  70 كىشى يارىلاندى.

1633487
مېكسىكادا بىر مېترو ئۆتۈشمە كۆۋرۈكى ئۈستىدىكى پويىز ۋاگونلىرى بىلەن بىرلىكتە ئۆرۈلۈپ چۈشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مېكسىكا مەتبۇئاتلىرىنىڭ خەۋەرلىرىگە ئاساسلانغاندا، ئالاقىدار مەسئۇللار پايتەخت مېكسىكىدا رېمونت قىلىنىۋاتقان مېترو ئۆتۈشمە كۆۋرۈكىنىڭ بىر قىسمىنىڭ ئۈستىدىكى پويىز ۋاگونلىرى بىلەن بىرلىكتە ئۆرۈلۈپ چۈشكەنلىكىنى ئېلان قىلغان.

ئالاقىدار تارماقلار ۋاگونلارنىڭ ئۆتۈشمە كۆۋرۈكىنىڭ ئاستىدىكى ئاپتوموبىللارنىڭ ئۈستىگە چۈشۈپ كەتكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

ۋەقەدە 15 كىشىنىڭ قازا قىلغانلىقى ۋە 70 كىشىنىڭ يارىلانغانلىقىنى ئۇقتۇرغان ئالاقىدار مەسئۇللار، ئۆتۈشمە كۆۋرۈكىنىڭ يولدىن ئېگىزلىكىنىڭ تەخمىنەن 5 مېتىر ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتكەن.

قۇتقۇزۇش ئەترەتلىرى نەق مەيدانغا ئەۋەتىلىشى بىلەن ئىزدەپ قۇتقۇزۇش خىزمەتلىرىنىڭ باشلانغانلىقى بىلدۈرۈلمەكتە.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر