خىتاينىڭ ب د ت دىكى دائىمىي ۋەكىلى بىرمادىكى كىرىزىس توغرىسىدا توختالدى

5 - ئايدا ب د ت بىخەتەرلىك كېڭىشىنىڭ رەئىسلىك ۋەزىپىسىنى تاپشۇرۇۋالغان خىتاينىڭ ب د ت دىكى باش ئەلچىسى جاڭ جۈن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، كۈنتەرتىپتىكى سوئاللارغا جاۋاب بەردى.

1633415
خىتاينىڭ ب د ت دىكى دائىمىي ۋەكىلى بىرمادىكى كىرىزىس توغرىسىدا توختالدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خىتاينىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) دىكى دائىمىي ۋەكىلى جاڭ جۈن، ھەربىي سىياسىي ئۆزگىرىشتىن كېيىن بىرما ۋەزىيىتىگە ھەر قانداق شەكىلدە ئارىلىشىشنىڭ قالايمىقانچىلىق كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغانلىقىنى ۋە جىددىيلىكنى تېخىمۇ كۈچەيتىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، كىرىزىسنى ھەل قىلىشتا رايون ئورگانلارنىڭ تېخىمۇ كۆپ رول ئوينىشىنى تەۋسىيە قىلدى.

5 - ئايدا ب د ت بىخەتەرلىك كېڭىشىنىڭ رەئىسلىك ۋەزىپىسىنى تاپشۇرۇۋالغان خىتاينىڭ ب د ت دىكى باش ئەلچىسى جاڭ جۈن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، كۈنتەرتىپتىكى سوئاللارغا جاۋاب بەردى.

جاڭ، خىتاينىڭ بېرمىدا ئىچكى ئۇرۇشنىڭ پارتلىشىدىن ئەندىشە قىلىپ – قىلمايۋاتقانلىقى توغرىسىدا توختىلىپ، بېرمانىڭ نۇرغۇن ئاز سانلىق مىللەت بار دۆلەت ئىكەنلىكىنى، ھەر قانداق شەكىلدىكى خاتا ئارىلىشىشنىڭ قالايمىقانچىلىق كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغانلىقىنى ۋە جىددىيلىكنى تېخىمۇ كۈچەيتىدىغانلىقىنى ئېيتىپ ئاگاھلاندۇردى.

ئۇ، خىتاينىڭ كىرىزىسنى ھەل قىلىش يولىدىكى دىپلوماتىك تىرىشچانلىقنى قوللايدىغانلىقىنى بايان قىلىپ: «رايون دۆلەتلىرى، رايون تەشكىلاتلىرى رايون مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىشتا تېخىمۇ كۈچلۈك رول ئوينىشى كېرەك، چۈنكى ئۇلار ۋەزىيەتنى تېخىمۇ ياخشى چۈشىنىدۇ». دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر