بايدىن ھۆكۈمىتى كۆچمەن قوبۇل قىلىش چەكلىمىسىنى ئاشۇردى

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى جو بايدىن، ئالدىنقى پىرېزىدېنت دونالد ترامپ ھۆكۈمىتى 2021 – يىللىق ئىقتىسادىي ئىشلار دائىرىسىدە بېكىتكەن 15 مىڭ كۆچمەن قوبۇل قىلىش چەكلىمىسىنى 62 مىڭ 500 گە چىقاردى.

1633368
بايدىن ھۆكۈمىتى كۆچمەن قوبۇل قىلىش چەكلىمىسىنى ئاشۇردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بايدىن، ترامپ ھۆكۈمىتى دەۋرىدە دۆلەت تارىخىدىكى ئەڭ تۆۋەن سەۋىيەگە چۈشۈرۈلگەن كۆچمەن قوبۇل قىلىش چەكلىمىسى توغرۇلۇق يازما بايانات ئېلان قىلدى.

باياناتتا، 2021 – يىللىق ئىقتىسادىي ئىشلار دائىرىسىدە كۆچمەن قوبۇل قىلىش چەكلىمىسىنى 62 مىڭ 500 گە چىقارغانلىقلىرىنى ئەسكەرتكەن بايدىن، مۇنداق دېدى: «تارىخىي جەھەتتىن ئەڭ تۆۋەن سەۋىيە بولغان 15 مىڭ كۆچمەن قوبۇل قىلىش چەكلىمىسى، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ مىللەت بولۇش سۈپىتى بىلەن كۆچمەنلەرنى قوبۇل قىلغانلىقى ۋە ياردەم بەرگەنلىكىدىن ئىبارەت ھەقىقەتنى ئەكس ئەتتۈرمەيتتى.»

جو بايدىن يەنە، 2022 – يىللىق ئىقتىسادىي ئىشلار دائىرىسىدىمۇ كۆچمەن قوبۇل قىلىش چەكلىمىسىنى 125 مىڭغا يەتكۈزۈشنى نىشان قىلىۋاتقانلىقلىرىنى بىلدۈردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر