ئانتونى بلىنكېن: خىتاينىڭ تاجاۋۇزچى ھەرىكەتلىرى كۈچەيمەكتە

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتونى بلىنكېن خىتاينىڭ تاجاۋۇزچى ھەرىكەتلىرىنىڭ كۈچەيگەنلىكىنى ئېيتتى.

1632859
ئانتونى بلىنكېن: خىتاينىڭ تاجاۋۇزچى ھەرىكەتلىرى كۈچەيمەكتە
abd-çin.jpg
blinken.jpg

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتونى بلىنكېن ئامېرىكانىڭ «CBS» قانىلى بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبەت پىروگراممىسىدا، ئامېرىكا -خىتاي مۇناسىۋەتلىرى ئۈستىدە توختالدى.

ئانتونى بلىنكېن ئامېرىكانىڭ خىتاينى بېسىم ئاستىدا تۇتۇشنى خالىمايدىغانلىقىنى، بىراق شۇنىڭ بىلەن بىرگە يەنە، قائىدە – قانۇننى ئاساس قىلغان خەلقئارا تۈزۈمگە زىيان يەتكۈزۈشىگىمۇ يول قويمايدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

ئانتونى بلىنكېن ھەربىي ساھەدە تىركىشىشنىڭ  بولسا، ھەر ئىككى دۆلەتنىڭ مەنپەئەتىگە ئۇيغۇن ئەمەسلىكىنى ئەسكەرتتى.

ئۇ ئامېرىكا پىرېزىدېنتى جو بايدىن بىلەن خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ فېۋرالدا تېلېفوندا ئىككى سائەت داۋاملاشقان تۇنجى سۆھبىتىدە، نۇرغۇن مەسىلىلەرنى مۇزاكىرە قىلغانلىقلىرىنى بىلدۈردى.

ئۇ: «بايدىن ئېنىق قىلىپ، خىتاينىڭ ئىقتىسادىي بوشلۇق يارىتىش ۋە پىكرى- مۈلكىيەت ھوقۇقىنى ئوغرىلاش قاتارلىق ھەر ساھەدىكى نۇرغۇنلىغان قىلمىشلىرىغا قارىتا ئەندىشىلىرىمىز بارلىقىنى چۈشەندۈردى» دېدى.

ئۇ ئامېرىكانىڭ خىتاينىڭ مەسىلىسى بىلەن بولۇشتەك ھەشەمەتچىلىكى يوقلۇقىنى ئەسكەرتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر