ئامېرىكادا ئاسىيالىقلارغا (خىتايغا) قارشى نەپرەت ئەۋج ئالماقتا

ئامېرىكادا ئاسىيالىقلارغا (خىتايغا) قارشى نەپرەت جىنايىتىدە، بۇ يىل (2021) نىڭ بىرىنچى پەسىلدە %164 لىك ئېشىش كۆرۈلدى.

1632928
ئامېرىكادا ئاسىيالىقلارغا (خىتايغا)  قارشى نەپرەت ئەۋج ئالماقتا
otelden atılan çinliler.jpg
AA çinli öğrenciler.jpg
Çinli
fransa çinli göçmen protesto.jpg

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: كالىفورنىيە ئىشتاتلىق ئۇنىۋېرسىتېتىغا قاراشلىق نەپرەت ۋە ئاشقۇنلۇق تەتقىقات مەركىزى تەرىپىدىن ساقچىلارنىڭ دوكلاتىنى مەنبە قىلىپ ئېلىپ بېرىلغان تەتقىقاتلارغا ئاساسلانغاندا، ئامېرىكانىڭ ئەڭ چوڭ 16 شەھىرىدە مەلۇم قىلىنغان نەپرەت جىنايىتىنىڭ سانى، بۇلتۇر (2020) نىڭ بىرىنچى پەسلىدە %36 بولۇپ، بۇ يىل ئوخشاش مەزگىلدە  %164 لىك ئېشىش بىلەن %95 كە ئۆرلىگەن.

نەپرەت جىنايىتى ئەڭ كۆپ كۆرۈلگەن شەھەرلەر ئارىسىدا %223 لىك ئېشىش بىلەن نيۇ يورك بىرىنچى، %140 لىك ئېشىش بىلەن سان فىرانسىسكو ئىككىنچى ۋە %80 لىك ئېشىش بىلەن لوس ئانژېلىس ئۈچىنچى بولغان.

ئاسىيالىقلارغا (خىتايغا) بولغان قارشىلىقنىڭ نەپرەت جىنايىتىگە تۈرتكە بولغانلىقى تەكىتلەنگەن تەتقىقاتتا، بولۇپمۇ ۋۇخەن ۋىرۇسى (كوۋىد-19) يۇقۇمىنىڭ تېگى خىتاي ئامېرىكا پۇقرالىرىغا قارىتىلغان نەپرەت جىنايىتىنى كۈچەيتىۋەتكەنلىكى بىلدۈرۈلگەن.

ئامېرىكادىكى ئەسلى خىتاي بولغان ئامېرىكا پۇقرالىرىغا قارىتىلغان نەپرەت ۋە ئايرىمچىلىق دېلولىرىنى نازارەت قىلىدىغان تەشكىلاتلاردىن بىرسى «Stop AAPI Hate» تەشكىلاتىنىڭ ئەڭ يېڭى دوكلاتىدا، ئامېرىكادا 2020-يىلى 19-مارتتىن 2021-يىلى 28- فېۋرالغىچە بولغان ئارىلىقتا 3795 ئۆچمەنلىك جىنايىتىنىڭ دوكلات قىلىنغانلىقى ئۇقتۇرۇلدى.  

ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسى 23-ئاپرېلدا ئامېرىكادا ياشايدىغان ئاسىيالىقلارغا قارىتا ۋۇخەن ۋىرۇسى يۇقۇمى سەۋەبىدىن ئەۋج ئېلىۋاتقان نەپرەت جىنايىتىگە قارشى «كوۋىد-19 نەپرەت جىنايىتى قانۇنى» نى تەستىقلىغان ئىدى.

بۇ قانۇن دائىرىسىدە، ئەسلى ئاسىيالىق  ئامېرىكا پۇقرالىرىغا قارىتىلغان نەپرەت جىنايەتلىرى ئەيىبلەنگەن بولۇپ، ۋۇخەن ۋىرۇسىغا چېتىشلىق نەپرەت جىنايەتلىرىنىڭ ئەدلىيە مىنىستىرلىقى دائىرىسىدە تېزرەك تەكشۈرۈلۈشى ئۈچۈن يېڭى بىر گۇرۇپپانىڭ قۇرۇلۇشى قارار قىلىنغان ئىدى.  

 

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر