ئامېرىكادا كېمە ئۆرۈلۈپ چۈشۈپ، 2 كىشى قازا قىلدى ۋە 23 كىشى بالنېستقا ئېلىندى

ئامېرىكانىڭ كالىفورنىيە ئىشتاتىدا بىر كېمە ئۆرۈلۈپ كېتىپ، 2  كىشى قازا قىلدى.

1632796
ئامېرىكادا كېمە ئۆرۈلۈپ چۈشۈپ، 2 كىشى قازا قىلدى ۋە 23 كىشى بالنېستقا ئېلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكانىڭ سان دىياگو شەھىرىگە تەۋە لوما دېڭىز رايونىدا يۈز بەرگەن ۋەقەگە ياردەم بېرىش ئۈچۈن ئامېرىكا دېڭىز قىرغىقى مۇھاپىزەت ئەترىتى پاراخوتلىرىنىڭ يېتىپ بارغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

قانۇنسىز كۆچمەنلەرنى ئېلىپ ماڭغانلىقى تەخمىن قىلىنغان كېمىدە ئىككى كىشىنىڭ  قازا قىلغانلىقى، قۇتقۇزۇۋېلىنغان 23 كىشىنىڭ بولسا يېقىن ئەتراپتىكى دوختۇرخانىلاردا بالنېستقا ئېلىنغانلىقىى ئۇقتۇرۇلدى.

رايوندا ئىزدەش ۋە قۇتقۇزۇش خىزمەتلىرى داۋاملاشماقتا. ۋەقە ھەققىدە تەكشۈرۈش باشلانغانلىقى بىلدۈرۈلدى



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر