ئافغانىستاندا گۈمبۈش پارتىيەسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى سۈيىقەستكە ئۇچرىدى

ئافغانىستاننىڭ شەرقىي شىمالىدا تەسىرى كۈچلۈك قوماندانلاردىن بىرى ۋە گۈمبۈش پارتىيەسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى پىرىمقۇل زىيايى بومبا ھۇجۇمىغا ئۇچراپ جېنىدىن ئايرىلدى.

1632714
ئافغانىستاندا گۈمبۈش پارتىيەسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى سۈيىقەستكە ئۇچرىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تاھار ۋىلايەتلىك ساقچى ئىدارىسىنىڭ باياناتچىسى خالىل ئەسىر، گۈمبۈش پارتىيەسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى پىرىمقۇل زىيايىنىڭ تاھارنىڭ رۇستاق ناھىيەسىگە قاراشلىق گىرداب يېزىسىدا بومبا ھۇجۇمىغا ئۇچراپ جېنىدىن ئايرىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ پىرىمقۇل زىيايىنىڭ مەزكۇر يېزىدا تالىبانغا قارشى ھەربىي ھەرىكەت ئېلىپ بارغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، ھۇجۇمنىڭ قانداق پەيدا قىلىنغانلىقىنىڭ ھازىرچە ئېنىق ئەمەسلىكىنى ۋە ھۇجۇمدا ئىككى قوغدىغۇچىنىڭ يارىلانغانلىقىنى قەيت قىلدى.

ھۇجۇمغا، ھېچقانداق تەشكىلات ياكى شەخس جاۋابكار بولىدىغانلىقىنى ئېلان قىلمىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر