لىۋىيەدىكى مۇسۇلمان قېرىنداشلار جامائىتى خەلقئارلىق پائالىيەتلىرىنى توختاتتى

لىۋىيەدىكى مۇسۇلمان قېرىنداشلار جامائىتى ئۆزىنىڭ «تىرىلىش ۋە ئىسلاھات جەمئىيىتى» دېگەن نام بىلەن ئادەتتىكى بىر ئاممىۋى تەشكىلاتقا ئايلانغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

1632831
لىۋىيەدىكى مۇسۇلمان قېرىنداشلار جامائىتى خەلقئارلىق پائالىيەتلىرىنى توختاتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جەمئىيەتنىڭ ئىجتىمائىي ئالاقە بېتىدە ئېلان قىلىنغان يازما باياناتتا، «بىز بارلىق لىۋىيەلىكلەرگە شۇنى جاكارلايمىزكى، ئاللاھنىڭ ئىلتىپاتى ۋە ياردىمى بىلەن مۇسۇلمان قېرىنداشلار جامائىتىنىڭ ئىسلامدا ئوتتۇرا ھال يول تۇتۇش پوزىتسىيەسىگە رىئايا قىلىش چاقىرىقىنى قايتىدىن جانلاندۇرۇش ئۈچۈن <تىرىلىش ۋە ئىسلاھات جەمئىيىتى> دېگەن نام بىلەن بىر ئاممىۋى تەشكىلاتقا ئايلانغانلىقىمىزنى بىلدۈرىمىز» دېيىلدى.  

باياناتتا، بۇ قارارنىڭ نۇرغۇن سۆھبەت يىغىنى ۋە دىئالوگلاردىن كېيىن  11- نۆۋەتلىك قۇرۇلتايدا ئېلىنغانلىقى، جەمئىيەتنىڭ لىۋىيەنىڭ ھەرقايسى ئاممىۋى ئورگانلىرىدا جان تىكىپ خىزمەت قىلىش ئارقىلىق ئۇچۇرنى يەتكۈزىدىغانلىقى ئۇقتۇرۇلدى.

لىۋىيەدىكى مۇسۇلمان قېرىنداشلار جامائىتىنىڭ سابىق ئەزاسى شۇنداقلا  جامائەتنىڭ سىياسىي قانىتى، ئادالەت ۋە بىناكارلىق پارتىيەسى ئەزاسى ئابدۇررەززاق سەرگەن، خىزمەتلەرنىڭ پەقەت لىۋىيە ئىچىدىلا بولۇشى كېرەكلىكى ھەققىدە  قارار ماقۇللانغانلىقىنى، شۇ ۋەجىدىن بىر ئاممىۋى تەشكىلاتقا ئۆزگەرگەنلىكىنى ئېيتتى.

ئابدۇررەززاق سەرگەن بۇ قارار بىلەن جامائەتنىڭ لىۋىيە سىرتىدىكى تەشكىلاتلار بىلەن ھېچقانداق ئالاقىسى قالمىغانلىقىنى، مۇسۇلمان قېرىنداشلار تەشكىلاتى بىلەنمۇ خەلقئارلىق جامائەت بولۇش سۈپىتى بىلەن ھېچ قانداق باغلىنىشلىقى يوقلۇقىنى ۋە پەقەت دۆلەت ئىچىدىلا خىزمەت قىلىدىغان بىر جەمئىيەتكە ئايلانغانلىقىنى تەكىتلىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر