جەنۇبىي ئافرىقا فايزېر ۋاكسىنالىرىنى تاپشۇرۇۋالدى

جەنۇبىي ئافرىقا جۇمھۇرىيىتى ۋۇخەن ۋىرۇسى (Kovid-19) غا قارشى تەتقىق قىلىپ ياسالغان فايزېر (Pfizer) ۋاكسىنالىرىنىڭ تۇنجى تۈركۈمىنى تاپشۇرۇۋالدى.

1632970
جەنۇبىي ئافرىقا فايزېر ۋاكسىنالىرىنى تاپشۇرۇۋالدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جەنۇبىي ئافرىقا سەھىيە مىنىستىرى زۋېلى مىكايىز (Zweli Mkhize) تۋىتتېردا، ئور تامبو (OR Tambo) ئايرودۇرۇمىدا ئايروپىلانلاردىن چۈشۈرۈلگەن ۋاكسىنالارنىڭ فوتوگرافلىرىنى ھەمبەھىرلىدى.

جەنۇبىي ئافرىقا ئىيۇن ئېيى (2021)  نىڭ ئاخىرىغىچە 4.5 مىليون ۋاكسىنانى تاپشۇرۇۋالىدۇ.

جەنۇبىي ئافرىقا ۋۇخەن ۋىرۇسىنىڭ يېڭى ۋارىيانتلىرىغا بولغان ئۈنۈمىنىڭ ياخشى ئەمەسلىكىنى سەۋەب كۆرسىتىپ، ئاسترازېنېكا ۋاكسىنالىرىنى ئەملەشتىن ۋاز كەچكەن ۋە «جونسون ۋە جونسون» (Johnson & Johnson) ۋاكسىنالىرىنى ئەملەشكە باشلىغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر