ئامېرىكادا ئايال ساقچىلار ياغلىق ئارتىپ خىزمەت قىلالايدۇ

ئامېرىكانىڭ يېڭى جېرسىي ئىشتاتىغا قاراشلىق نيۇئارك شەھىرىدە مۇسۇلمان ئايال ساقچىلار ياغلىق ئارتىپ خىزمەت قىلالايدىغان بولدى.

1632277
ئامېرىكادا ئايال ساقچىلار ياغلىق ئارتىپ خىزمەت قىلالايدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: نيۇئارك شەھىرى ئاممىۋى بىخەتەرلىك دېرىكتورى برايىن ئوھارا مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا، ئوخشاشمىغان ئېتىقادلارنى ھۆرمەتلەيدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، «بۇ قارار ئىنسانلارنىڭ ئېتىقادلىرىغا ھۆرمەت قىلىدىغانلىقىمىزنى ئەمەلىي نامايان قىلىشىمىزغا ياردەم بېرىدۇ» دېدى.

يىغىندا نيۇئارك شەھەر باشلىقى راس باراكامۇ نيۇئارك ساقچى ئىدارىسىنىڭ مەملىكەتتە مۇسۇلمانلار ۋە سىخلارنىڭ ئېتىقادلىرىنىڭ تەقەززاسى سۈپىتىدە ساقال قويۇشىغا رۇخسەت قىلغان تۇنجى ئىدارە ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتتى.

شەھەردە ياغلىق ئارتىپ خىزمەت قىلىشقا رۇخسەت بېرىش قارارىدا بىر مۇسۇلمان ئايال ساقچىنىڭ سۇنغان تەلىپىنىڭ ئۈنۈملۈك رول ئوينىغانلىقى ئۇقتۇرۇلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر