تالىبان ئامېرىكانى ئەيىبلەپ قاتتىق ئاگاھلاندۇردى

تالىبان ئامېرىكانى 1-مايغىچە ئافغانىستاندىن ئەسكەرلىرىنى چېكىندۈرمەي، 2018-يىللىق دوھا كېلىشىمىگە خىلاپلىق قىلغانلىقى بىلەن ئەيىبلىدى ۋە  ئامېرىكاغا قارشى «قايتۇرما ھەرىكەت» ئېلىپ بېرىش بىلەن ئاگاھلاندۇردى.

1632320
تالىبان ئامېرىكانى ئەيىبلەپ قاتتىق ئاگاھلاندۇردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تالىبان ئېلان قىلغان باياناتىدا، كېلىشىمگە ئامېرىكانىڭ خىلاپلىق قىلغانلىقىنىڭ تالىباننىڭ ھەرىكەتكە ئۆتۈش يولىنى ئاچقانلىقى ئەسكەرتىلىپ، تالىبان رەھبەرلىرىنىڭ بۇ مەسىلە توغرىسىدا قارار ماقۇللىشىنى كۈتۈۋاتقانلىقىنى ۋە شۇنىڭغا ئاساسەن ھەرىكەت قىلىدىغانلىقلىرىنى تەكىتلىدى.

قاتارنىڭ پايتەختى دوھادا ئايلارچە داۋاملاشقان مۇزاكىرىلەردىن كېيىن، تالىبان بىلەن ئامېرىكا ئوتتۇرىسىدا  2018-يىلى ماقۇللانغان كېلىشىمگە ئاساسەن، بارلىق چەتئەل قىسىملىرى 1-مايغىچە ئافغانىستاندىن ئايرىلىشى كېرەك ئىدى.

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى جو بايدىن ئافغانىستاندا قالغان 2500 ئامېرىكا ئەسكىرىنىڭ ھەمىمىنى 11-سېنتەبىرگىچە چېكىنىدۈرىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى.

يەنە بىر تەرەپتىن، ئامېرىكانىڭ ئافغانىستاننىڭ جەنۇبىدىكى ھەربىي بازىسى جايلاشقان قەندىھار ئايرودورۇمىغا راكېتا ھۇجۇمى ئېلىپ بېرىلدى.

ئافغانىستاندىكى ئامېرىكا قىسىملىرى باياناتچىسى سونىي لېگگېت ھۇجۇمدا ھېچكىشىنىڭ يارىلانمىغانلىقىنى ئېيتتى.

لېگگېت ئامېرىكا ئەسكەرلىرىنىڭ قەندىھار ئايرودورۇمىغا قىلىنغان ھۇجۇمغا جاۋاپ قايتۇرغانلىقىنى ۋە يەنە ئايرودورۇمغا ئېتىشقا تەييار بىر قانچە راكېتا بومبىسىنىڭمۇ پاچاقلاپ تاشلانغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

ھۇجۇمنىڭ جاۋابكارلىقىنى تېخىچە ھېچكىشى ئۆز ئۈستىگە ئالمىدى.

تالىبان ئاپرېلدىمۇ قەندىھار ئايرودورۇمىغا ھۇجۇم قىلغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر