4 نەپەر ئالەم ئۇچقۇچىسى يەرشارىغا قايتىپ كەلدى
خەلقئارا ئالەم قاتنىشى پونكىتىدىكى 6 ئايلىق ۋەزىپىسىنى تاماملىغان 4 نەپەر ئالەم ئۇچقۇچىسى يەرشارىغا قايتىپ كەلدى.
1632313
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ناسا ئالەم ئۇچقۇچىسى مايك خوپكىنس، ۋىكتور گلوۋېر، شاننون ۋالكېر ۋە ياپونىيە ئالەم ئۇچقۇچىسى سوچى نوگۇچى «SpaceX» كاپسۇلى بىلەن 6 يېرىم سائەت يول يۈرگەندىن كېيىن ئامېرىكانىڭ فلورىدا ئىشتاتىغا قوندى.
ئامېرىكادا بىر ئالەم كېمىسىنىڭ ئارىدىن 53 يىل ئۆتكەندىن كېيىن، كېچىدە تۇنجى قېتىم يەر يۈزىگە قونغانلىقى بىلدۈرۈلدى.
ئالەم ئۇچقۇچىلىرى نويابىردا ئوخشاش كاپسۇل بىلەن خەلقئارا ئالەم پونكىتىغا بارغان ئىدى.