ئافغانىستاندا جامە بومبا ھۇجۇمىغا ئۇچرىدى

ئافغانىستاننىڭ پايتەختى كابۇل ئەتراپىدىكى پەرۋان ۋىلايىتىنىڭ باگرام ناھىيەسىگە جايلاشقان بىر ھەربىي بازىدىكى جامەگە قىلىنغان بومبا ھۇجۇمىدا 1 ئامانلىق ساقلىغۇچى ھاياتىدىن ئايرىلدى.

1631898
ئافغانىستاندا جامە بومبا ھۇجۇمىغا ئۇچرىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پەرۋان ۋىلايەتلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى باش ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ئابدۇلۋارىس راھىمىنىڭ ئاخبارات ۋاسىتىلىرىغا بىلدۈرۈشىچە، پەرۋان ۋىلايىتىنىڭ باگرام ناھىيەسىگە جايلاشقان بىر ھەربىي بازىدىكى جامەگە قىلىنغان بومبا ھۇجۇمىدا، 1 ئامانلىق ساقلىغۇچى ھاياتىدىن ئايرىلغان، 24 ئامانلىق ساقلىغۇچى يارىلانغان.

ھۇجۇمنىڭ جاۋابكارلىقىنى تېخىچە ھېچكىم ئۆز ئۈستىگە ئالمىغان.

تۈنۈگۈن، ئافغانىستاننىڭ لوگار ۋىلايىتىدە ئىپتار ۋاقتىدا ئاپتوموبىل بومبا ئارقىلىق قىلىنغان ھۇجۇمدىمۇ 30 كىشى جېنىدىن ئايرىلغان، 90 دىن ئارتۇق كىشى يارىلانغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر