ھىندىستاندا دوختۇرخانىدا يۈز بەرگەن ئوت ئاپىتىدە 15 ئادەم ئۆلدى

ھىندىستاندا «كوۋىد – 19» يۇقۇمى بىمارلىرى داۋالىنىۋاتقان دوختۇرخانىدا يۈز بەرگەن ئوت ئاپىتىدە 15 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى.

1631964
ھىندىستاندا دوختۇرخانىدا يۈز بەرگەن ئوت ئاپىتىدە 15 ئادەم ئۆلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: «كوۋىد – 19» يۇقۇمىغا قارشى كۈرەشتە مۇشەققەتلىك كۈنلەرنى باشتىن كەچۈرۈۋاتقان ھىندىستاندا، «كوۋىد – 19» ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغانلار داۋالىنىۋاتقان دوختۇرخانىدا ئوت ئاپىتى يۈز بەردى.

گۇجارات ئۆلكىسىدىكى بىر دوختۇرخانىنىڭ  بىرىنچى قەۋىتىدە باشلانغان ئوت ئاپىتى، قىسقا ۋاقىت ئىچىدە پۈتكۈل بىناغا تۇتۇشۇپ كەتتى.

ئوت ئاپىتىدە 15 «كوۋىد – 19» يۇقۇمى بىمارى ھاياتىدىن ئايرىلدى، 50 بىمار بولسا دوختۇرخانا خادىملىرى ۋە ئوت ئۆچۈرۈش ئەترەتلىرى تەرىپىدىن قۇتقۇزۇۋېلىندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر