يەمەندە ئۇرۇشتىن قېپقالغان ئوق-دورىلار بالىلارنىڭ جېنىغا زامىن بولماقتا

يەمەننىڭ غەربىگە جايلاشقان ھۇدەيبە بىلەن جەنۇبىدىكى تائىز شەھەرلىرىدە يۈز بەرگەن پارتلاشتا، بەش كىچىك بالا جېنىدىن ئايرىلدى.

1631280
يەمەندە ئۇرۇشتىن قېپقالغان ئوق-دورىلار بالىلارنىڭ جېنىغا زامىن بولماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ب د ت ھۇدەيبە كېلىشىمىنى قوللاش پىروگراممىسىنىڭ يازما باياناتىدا، ھۇدەيبەنىڭ ئەلمۇراۋۋا ناھىيەسىدە پارتلاتقۇچلارنىڭ پارتلىشى نەتىجىسىدە، ئۈچ كىچىك بالىنىڭ جېنىدىن ئايرىلغانلىقى قەيت قىلىندى.

باياناتتا، يەمەندىكى تەرەپلەرگە، تۇرالغۇ جايلىرىدا ئۇرۇشتىن ئېشىپ قالغان ئوق-دورىلارنى تازىلاش چاقىرىق قىلىندى.

تائىزنىڭ غەربىدىكى ماكبانا ناھىيەسىدە، ھۇسىيلارنىڭ مېنامىيوت ئوقىنىڭ پارتلىشى سەۋەبىدىن ئىككى كىچىك بالا جېنىدىن ئايرىلدى.

ھۇسىيلار پارتلاشقا مۇناسىۋەتلىك ھېچقانداق بايانات ئېلان قىلمىدى.

يەمەندە ئىراننىڭ قوللىشى ئاستىدىكى ھۇسىيلار 2014-يىلىدىن بۇيان پايتەخت سانائا ۋە بەزى رايونلارنىڭ كونتروللۇقىنى قولىدا تۇتۇپ كەلمەكتە.

سەئۇدى ئەرەبىستان باشچىلىقىدىكى بىرلەشمە قىسىم 2015-يىلدىن تارتىپ ھۇسىيلارغا قارشى يەمەن ھۆكۈمىتىنى قوللاپ كەلمەكتە.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر