بلىنكېن ئۇكرائىنادا زىيارەتتە بولىدۇ

ئامېرىكا بىلەن رۇسىيە ئوتتۇرىسىدىكى ئۇكرائىنا كىرىزىسى كەسكىنلىشىۋاتقان بىر پەيتتە، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتونى بلىنكېن كېلەر ھەپتە ئۇكرائىنادا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولىدۇ.

1631260
بلىنكېن ئۇكرائىنادا زىيارەتتە بولىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بلىنكېن، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ «‹ CBS› تېلېۋىزىيە قانىلى» بىلەن ئۆتكۈزگەن ۋە قانالدا ھەپتە ئاخىرلىرى تارقىتىلىدىغان سۆھبىتىنىڭ دەسلەپكى بۆلۈمىدە، ئۇكرائىنادىكى ئۆزگىرىشلەر ھەققىدە ئۇچرىشىشلارنى ئېلىپ بېرىش ئۈچۈن بۇ دۆلەتتە زىيارەتتە بولىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «نۆۋەتتە رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىنا چېگراسىغا توپلىغان ئەسكەر سانى، رۇسىيە قىرىمنى ئىشغال قىلىۋالغان 2014 – يىلدىكىدىنمۇ كۆپتۇر. رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىننىڭ مەقسەتلىرىنى بىلىدىغانلىقىمىزنى ئېيتالمايمەن، ئۇ ئىشقا ئاشۇرۇش ياكى ئاشۇرماسلىقنى تاللايدىغان نۇرغۇن خۇسۇسلار بار.»

يېقىندىن بۇيان رۇسىيە ئەسكەرلىرىنىڭ چېكىنىش جەريانىنىمۇ يېقىندىن كۆزىتىۋاتقانلىقلىرىنى ئەسكەرتكەن بلىنكېن، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ ئۇكرائىنانى قوللايدىغانلىقىنى يەنە بىر قېتىم تەكىتلىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر