قاتار سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ تاشقى سىياسەت چاقىرىقىنى قوللىدى

قاتار سەئۇدى ئەرەبىستان ۋەلىئەھدى شاھزادىسى مۇھەممەد بىن سەلماننىڭ ئىراننى ئۆز ئىچىگە ئالغان خەلقئارالىق ئاساسلارغا تايانغان دىيالوگ مەزمۇنىدىكى تاشقى سىياسەت چاقىرىقىنى قوللىدى.

1630556
قاتار سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ تاشقى سىياسەت چاقىرىقىنى قوللىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: قاتار تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مۇھەممەد بىن ئابدۇرراھمان ئالسانى تۋىتتېردا، سەئۇدى ئەرەبىستان ۋەلىئەھدى شاھزادىسىنىڭ تۈنۈگۈن (2021-يىلى 28-ئاپرېل) قىلغان چاقىرىقىنى قوللايدىغانلىقلىرىنى بىلدۈردى.

قاتار تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئالسانى: «ب د ت كېلىشىملىرىگە بويسۇنۇش، دۆلەتلەرنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلىش ۋە ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلاشماسلىق، مەدەنىيەتلىك دۆلەتلەرنىڭ ئاساسلىرى بولۇپ، رايون ۋە دۇنيانىڭ تىنچلىق ھەمدە بىخەتەرلىكىنى قوغداشنىڭ كاپالىتى ھېسابلىنىدۇ. ئىراننى ئۆز ئىچىگە ئالغان رايوندا دىيالوگ ۋە ياخشى قوشنىدارچىلىق پىرىنسىپلىرى ئاساسلىرىغا تايانغان تاشقى سىياسەت چاقىرىقىنى قوللايمىز» دېدى.

سەئۇدى ئەرەبىستان ۋەلىئەھدى شاھزادىسى مۇھەممەد بىن سەلمان رەسمىي تېلېۋىزىيە قانىلىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ: «ئىران قوشنا دۆلەت. بىز ئىران بىلەن ياخشى مۇناسىۋەت ئورنىتىشنى ئارزۇ قىلىمىز» دېدى.

سەئۇدى ئەرەبىستان، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى، بەھرەين ۋە مىسىر 2017-يىلى 5-ئىيۇن قاتارنى «تېررورلۇق گۇرۇپپىلىرىنى قوللىغانلىقى» توغرىسىدا ئەيىبلەپ بارلىق دىپلوماتىك مۇناسىۋەتلەرنى ئۈزۈپ تاشلىغان بولۇپ، بۇ دۆلەتكە ئىقتىسادىي ئېمبارگو يۈرگۈزۈشنى باشلىغان ئىدى.

قاتار ئەيىبلەشلەرنى رەت قىلغان ۋە بۇ ئەھۋال پارس قولتۇقى رايونىدا كىرىزىسقا سەۋەب بولغان ئىدى.

سەئۇدى ئەرەبىستان تاشقى ئىشلار ۋەزىرى فايسال بىن فەرھان ئالسۇئۇد 5-يانۋار (2021) ئەلئۇلا شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن 41-نۆۋەتلىك پارس قولتۇقى ھەمكارلىق كېڭىشى يىغىنىدا، قاتارغا ئېمبارگو يۈرگۈزۈلگەن دۆلەتلەرنىڭ دوھا بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋەتلەرنى قايتىدىن ئورناتقانلىقىنى ۋە ئېمبارگونىڭ ئەمەلدىن قالدۇرۇلغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر