مالايشىيا ئاسترازېنېكانى تەستىقلانغان ۋاكسىنالار تىزىملىكىدىن چىقىرىۋەتتى

مالايشىيا ھۆكۈمىتى ئاسترازېنېكا شىركىتى تەتقىق قىلىپ ياسىغان ۋۇخەن ۋىرۇسى (Kovid-19) ۋاكسىناسىنىڭ قان ئۇيۇشۇشقا سەۋەب بولىدىغانلىقى ئەندىشەسى بىلەن، ۋاكسىنا تىزىملىكىدىن چىقىرىۋەتتى.

1630598
مالايشىيا ئاسترازېنېكانى تەستىقلانغان ۋاكسىنالار تىزىملىكىدىن چىقىرىۋەتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مالايشىيا بىلىم، تېخنولوگىيە ۋە يېڭىلىق يارىتىش مىنىستىرى ھايرى جەمالەددىن ئاسترازېنېكا ۋاكسىناسىنىڭ ھەر قانداق خەتىرى يوقلۇقىنى ئىسپاتلىغان بولسىمۇ، خەلقنىڭ ئەندىشەلىرىنى نەزەرگە ئالغانلىقلىرىنى ئېلان قىلدى.

ئۇ مالايشىيا باش مىنىستىرى ۋە سەھىيە مىنىستىرى بىلەن كۆرۈشكەندىن كېيىن، ئاسترازېنېكا ۋاكسىناسىنىڭ ۋۇخەن ۋىرۇسى ۋاكسىناسى پىروگراممىسى رامكىسىدا تەستىقلانغان ۋاكسىنالار تىزىملىكىدىن چىقىرىۋىتىلگەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئۇ: «قولىمىزدىكى ۋاكسىنالارغا زىيان سالماسلىق ئۈچۈن ئاسترازېنېكا ۋاكسىناسىنى ئۆزى خالىغان كىشىلەرگە ئەملەيمىز» دېدى.

مالايشىيا ھۆكۈمىتى 32 مىليون نوپۇسى ئۈچۈن فايزېر-بىيونتېك (Pfizer-BioNTech)، سىنوۋاك (Sinovac)، كانسىنو بىيو (CanSinoBIO) ۋە سپۇتنىكتىن جەمئىي 66.7 مىليون ۋاكسىنا سىتېۋېلىش ئۈچۈن كېلىشىم ئىمزالىغان ئىدى.

مالايشىيادا 1 مىليون 335 مىڭ 641 كىشىنىڭ ئەملەنگەنلىكىنى بىلدۈردى.

مالايشىيا ھۆكۈمىتى ئەملەنگەنلەر نىسبىتىنى %70 گە يەتكۈزۈشنى نىشان قىلماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر