خىتاينىڭ لياۋنىڭ ئاۋىياماتكاسى ياپونىيە تەۋەلىكىگە يېقىن جايدىن ئۆتكەن

خىتاينىڭ «لياۋنىڭ» ئاۋىياماتكاسى ياپونىيەنىڭ جەنۇبىدىكى ئوكىناۋا ئىشتاتى بىلەن مىياكوجىما ئارىلىنىڭ ئوتتۇرىسىدىن ئۆتتى.

1630676
خىتاينىڭ لياۋنىڭ ئاۋىياماتكاسى ياپونىيە تەۋەلىكىگە يېقىن جايدىن ئۆتكەن

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ياپونىيە «NHK» نىڭ دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىدىن ئېلىنغان مەلۇماتلارغا ئاساسەن ئېلان قىلغان خەۋىرىدە بىلدۈرۈلىشىچە، خىتاينىڭ لياۋنىڭ ئاۋىياماتكاسى بەش پاراخوتنىڭ ھەمراھلىقىدا ياپونىيەنىڭ جەنۇبىدىكى ئوكىناۋاغا يېقىن جايدىن ئۆتكەن.

ياپونىيە ئۆزىنى قوغداش دېڭىز قىسىملىرىنىڭ باياناتىدا قەيت قىلىنىشىچە، جەنۇبتىكى ئوكىناۋا ئىشتاتى بىلەن مىياكوجىما ئارىلىنىڭ ئوتتۇرىسىدىن ئۆتكەن لياۋنىڭ ئاۋىياماتكاسى، شىمالغا قاراپ ئىلگىرىلەپ شەرقىي دېڭىز تەۋەلىكىگە كىرگەن. خىتاي فلوتى سەپەر جەريانىدا ياپونىيە دېڭىز تەۋەلىكىگە خىلاپلىق قىلمىغان.

خىتايدا 1-فېۋرال (2021) يولغا قويۇلغان قانۇن ساھىل بىخەتەرلىكىگە ۋە مەزكۇر دېڭىز تەۋەلىكىدە پىرىنسىپلارغا بويسۇنمىغان چەت ئەل پاراخوتلىرىغا قارشى قورال ئىشلىتىش ھوقۇقى بېرىدۇ.

كيودو ئاگېنتلىقى مەزكۇر قانۇننىڭ، خىتايغا شەرقىي دېڭىزدىكى ئىختىلاپلىق سېنكاكۇ ئاراللىرى ئەتراپىدا ھەرىكەت قىلغان ياپونىيە پاراخوتلىرىنى نىشانغا ئېلىش ھوقۇقى بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

شەرقىي دېڭىزدا ياپونىيە «سېنكاكۇ»، خىتاي «دياۋيۈ» دەپ ئاتايدىغان تاقىم ئاراللار بەش ئارال ۋە ئۈچ قىيالىقتىن تەركىپ تاپىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر