بايدىن دۆلەت مەجلىسىدىكى تۇنجى قېتىملىق نۇتۇقىدا ئامېرىكانىڭ ئىچكى-تاشقى سىياسىتى توغرىسىدا توختالدى

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى جو بايدىن دۆلەت مەجلىسىدىكى تۇنجى قېتىملىق نۇتۇقىدا، دۆلەتنىڭ ئىچكى – تاشقى سىياسەتلىرىنىڭ تەپسىلاتى توغرىسىدا توختالدى.

1630460
بايدىن دۆلەت مەجلىسىدىكى تۇنجى قېتىملىق نۇتۇقىدا ئامېرىكانىڭ ئىچكى-تاشقى سىياسىتى توغرىسىدا توختالدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جو بايدىن 2021 – يىلى 20 – يانۋاردىن بۇيان تۇنجى قېتىم دۆلەت مەجلىسىنىڭ بىرلەشمە يىغىنىدا يۇقىرى پالاتا ۋە ئاۋام پالاتا ئەزالىرىغا خىتاب قىلدى.

پىرېزىدېنت جو بايدىن، دۇنيانىڭ نۆۋەتتە بۇ ئەسىرنىڭ ئەڭ خەتەرلىك يۇقۇملۇق كېسىلى بولغان كوۋىد – 19 ۋە (1929 – يىلىدىكى دۇنيا ئىقتىسادىي كىرىزىسىدىن بۇيانقى) ئەڭ ئېغىر ئىقتىسادىي كىرىزىسقا دۇچار بولغانلىقىنى ئېيتتى، ھەمدە دۆلەتنىڭ بارلىق ئىمكانىيەتلىرىنى ۋاكسىنا ئۈچۈن سەپەرۋەر قىلغانلىقىنى تەكىتلىدى.

تاشقى سىياسەت توغرىسىدىمۇ مۇھىم ۋەدىلەرنى قىلغانلىقىنى ئەسكەرتكەن بايدىن: «خىتاي دۆلەت رەئىسى شى (جىنپىڭ) بىلەن ئۆتكۈزگەن تېلېفون سۆھبىتىمدە ئۇنىڭغىمۇ دېدىم، بىز رىقابەتنى قىزغىن قارشى ئالىمىز، توقۇنۇشنىڭ كويىدا ئەمەسمىز» دېدى.

ئۇ، رۇسىيە پرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن بىلەن ئۆتكۈزگەن تېلېفون سۆھبىتىدىمۇ توقۇنۇشنىڭ كويىدا ئەمەسلىكلىرىنى، لېكىن قىلغان ئىشلارنىڭ كەلتۈرىدىغان ئاقىۋەتلىرىنىڭ بارلىقىنى ئېيتقانلىقىنى ئەسكەرتىپ: «رۇسىيەنىڭ سايلاملىرىمىزغا ئارىلىشىشىغا، ھۆكۈمىتىمىز ۋە شىركەتلىرىمىزگە قىلغان تور ھۇجۇملىرىغا مۇۋازىنەتلىك ئىنكاسلارنى قايتۇردۇق. بىراق، مەسىلە ئورتاق مەنپەئەتلىرىمىزگە كەلگەندە، ھەمكارلىق ئورنىتالايمىز. پۇتىن بىزنىڭ تېگىشلىك جاۋابنى بېرىدىغانلىقىمىزنى ناھايىتى ياخشى چۈشەندى» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

ئىران ۋە شىمالىي كورېيەنىڭ يادرو پىلانلىرىنىڭ دۇنيا ئۈچۈن ئېغىر خەۋپ ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن بايدىن: «بۇ دۆلەتلەر پەيدا قىلغان تەھدىتلەرگە قارشى دىپلوماتىيە ۋە قەتئىي ئىرادە بىلەن كۈرەش قىلىش ئۈچۈن ئىتتىپاقداشلىرىمىز بىلەن يېقىندىن ھەمكارلىشىمىز» دېدى.

ئۇ يەنە ئافغانىستاندىكى ئامېرىكا ئەسكەرلىرىگە ئىشارەت قىلغان ھالدا «ئەمدى ئۆيگە قايتىش پەيتى» دېدى.

پىرېزىدېنت جو بايدىن ئامېرىكانىڭ ئىچكى ۋەزىيىتىگە قايتىپ: «نۆۋەتتىكى بىزنىڭ ۋەتىنىمىزدىكى ئەڭ ئېغىر تېررورلۇق تەھدىتى ئاق تەنلىك ئىرقچىلىقىدۇر. ئاق تەنلىك ئىرقچىلىقى بىر تېررورىزم بولۇپ، ئۇنى كۆرمەسكە سالساق بولمايدۇ» دېدى.

ئۇ ئامېرىكادىكى قورال سېتىش مەسىلىسىگە مۇناسىۋەتلىك بەزى يۇچۇقلارنى ئىتىش ئۈچۈن خىزمەت ئىشلەۋاتقانلىقلىرىنى تىلغا ئالدى.

كۆچمەنلەر مەسىلىسىنىڭمۇ ھەر دائىم ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ ئەڭ مۇھىم مەسىلىلىرىنىڭ بىرى بولۇپ كەلگەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان بايدىن: «30 يىلدىن ئارتۇق ۋاقىتتىن بۇيان سىياسىيونلار كۆچمەنلەر مەسىلىسى ئىسلاھاتى توغرىسىدا گەپ قىلىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما ھېچقانداق ئىش قىلمىدى. ئەمدى بۇنى تۈزىتىش ۋاقتى كەلدى» دېگەنلەرنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر