29.04.2021

بۈگۈنكى تۈركىيە گېزىتلىرىدە ئاساسىي سالماقنى ئىگىلىگەن خەۋەرلىرىمىز تۆۋەندىكىچە:

1630629
29.04.2021

«‹ستار› گېزىتى»، « ئەلىيېۋ تۈركىيە سەزگۈرلىكىنى تەكىتلىدى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، مۇنۇ ئۇچۇرلارغا ئورۇن ئاجراتتى:

ئەزەربەيجان پىرېزىدېنتى ئىلھام ئەلىيېۋ ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتونىي بىللىنكېن بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى. ئەلىيېۋ سۆھبەتتە ئامېرىكا پىرېزىدېنتى جو بايدىننىڭ 1915-يىلىدىكى ۋەقەلەرگە «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ تەبىر ئىشلەتكەنلىكى ئۈستىدە توختىلىپ، «تۈركىيە ئەزەربەيجاننىڭ يېقىن دوستى ۋە ئىتتىپاقدىشىدۇر. ئۇرۇشتىن كېيىنكى مەزگىلدە رايونىمىزدا ئىنتايىن مۇھىم ۋە ئىجابىي رول ئوينىماقتا. ئامېرىكا پىرېزىدېنتىنىڭ بۇ باياناتى ئەزەربەيجان ھۆكۈمىتى ۋە خەلقىنى بىئارام قىلدى» دېدى.

«‹خەۋەر تۈرك› گېزىتى»، «تاتار قىبرىس مەسىلىسىنى مەڭگۈلۈك ھەل قىلىش چارىسىغا ئىگە قىلىش ئۈچۈن 6 ماددىلىق تەكلىپ سۇندى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، مۇنۇ ئۇچۇرلارغا ئورۇن ئاجراتتى:

شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتى پىرېزىدېنتى ئەرسىن تاتار قىبرىس مەسىلىسىنى مەڭگۈلۈك ھەل قىلىش چارىسىغا ئىگە قىلىش ئۈچۈن 6 ماددىلىق تەكلىپىنى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى ئانتونىيو گۇتېررېسقا سۇندى. تەكلىپتە، قىبرىس تۈرك خەلقىگە مەنسۇپ بولغان ئىگىلىك ھوقۇق، باراۋەرلىك ۋە باراۋەر خەلقئارالىق سالاھىيەتنىڭ ئېتىراپ قىلىنىشىنىڭ رېئال ۋە ئىمكانىيەتلىك سىجىل ھەل قىلىش يولىغا تۇتىشىدىغان نەتىجىگە يۈزلەنگەن سۆھبەتكە يول ئاچىدىغانلىقى تەكىتلەندى.

«‹يېڭى شەپەق› گېزىتى»، «يەرلىك ۋاكسىنا كەڭ كۆلەمدە ئىشلىتىشتىن ئىلگىرىكى ئاخىرقى باسقۇچتا» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، مۇنۇ ئۇچۇرلارغا ئورۇن ئاجراتتى:

سەھىيە مىنىستىرى فاھرەتتىن كوجا كوۋىد-19 غا قارشى ئېلىپ بېرىلغان يەرلىك ۋاكسىنا ئىشلەپچىقىرىش خىزمەتلىرى ھەققىدە مەلۇمات بەردى.  يەرلىك ۋاكسىنا تەتقىقاتىدا ئاخىرقى باسقۇچتا تۇرۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ، «كەلگۈسى بىر نەچچە كۈندە 3-باسقۇچلۇق سىناق باشلىنىدۇ. بۇ كەڭ كۆلەملىك ئىشلىتىلىشىنىڭ ئاخىرقى باسقۇچى بولىدۇ» دېدى.

«‹ۋەتەن› گېزىتى»، «تۈركىيە يېڭىلىق ياراتتى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، مۇنۇ ئۇچۇرلارغا ئورۇن ئاجراتتى:

مەركىزى ئىشخانىسى ئامېرىكادا تۇرۇشلۇق خەۋەر تور بېكىتى «Al Monitor» تۈركىيەنىڭ TCG ئانادولۇ ھۇجۇمچى پاراخوتىنى قوراللىق ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان (SİHA) پاراخوتىغا ئۆزگەرتىش ئارقىلىق ھەربىي ساھەنى يېڭى بىر ئۇقۇمغا ئىگە قىلغانلىقىنى يازدى. بۇ پاراخوتنىڭ پۈتۈنلەي ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان (SİHA) لار بىلەن قوراللاندۇرۇلىشى دۇنيادا تۇنجى قېتىملىق ئىش بولۇپ، پاراخوتنىڭ 2023-يىلى پائالىيەتنى باشلىشى مۆلچەرلەنمەكتە.

«‹ھۆرىيەت› گېزىتى»، «فورمۇلا 1 تۈركىيەگە قايتىپ كەلدى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، مۇنۇ ئۇچۇرلارغا ئورۇن ئاجراتتى:

دۇنيادىكى ئەڭ مۇھىم موتورلۇق قاتناش ۋاستىسى تەنتەربىيەلىرىنىڭ بىرسى بولغان «فورمۇلا 1» مۇسابىقىسى، 11 - ئىيۇندىن 13-ئىيۇنغىچە ئىنتېرسىتىي ئىستانبۇل باغچىسىدا ئۆتكۈزۈلىدۇ. مىلياردلىغان كۆرۈرمەنلىرى بولغان ۋە دۆلەتلەرنىڭ تونۇتىلىشىغىمۇ زور تۆھپە قوشىدىغان بىباھا قىممەتكە ئىگە «فورمۇلا 1» مۇسابىقىسى، ئۆتكەن يىلى دۆلىتىمىزگە ئېلىپ كېلىنگەن ئىدى. مۇسابىقىنىڭ دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا زور قىزىقىش بىلەن كۆرۈلىشى، ماھىر شوپۇرلار بىلەن ئەترەتلەرنىڭ تۈركىيەگە مەدھىيە ئوقۇشى بىلەن دۆلىتىمىز بۇ يىلمۇ «فورمۇلا 1» مۇسابىقىسىغا ساھىبخانلىق قىلىدىغان بولدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر