15 مىليون دوللارلىق خېرىدارى بولغان دۇنيا بويىچە ئەڭ قىممەت پوچتا ماركىسى

دۇنيا بويىچە ئەڭ قىممەت باھالىق پوچتا ماركىسىغا 15 مىليون دوللارلىق خېرىدار چىقىدىغاندەك قىلىدۇ.

1630719
15 مىليون دوللارلىق خېرىدارى بولغان دۇنيا بويىچە ئەڭ قىممەت پوچتا ماركىسى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەنگىلىيە گۋىئانادا ئىشلەپچىقىرىلغان پوچتا ماركىسى پايتەخت لوندوندىكى «Sothebys» تالاشتۇرۇپ سېتىش ئورنىدا كۆرگەزمە قىلىندى.

6-ئايدا تالاشتۇرۇپ سېتىش ئورنىدا سېتىلىدىغان بۇ پوچتا ماركىسىنىڭ 15 مىليون دوللارغا سېتىلىپ رېكورت يارىتىشى مۆلچەرلەنمەكتە.

فىلاتىك مۇتەخەسسىسى داۋىد بىچ، «بۇ پوچتا ماركىسى پوچتا ماركىلىرى ئىچىدە <مونالىزا> غا ئوخشايدۇ. بىر سىنتلىق بۇ پوچتا ماركىسى ئاساسلىقى گېزىت تارقىتىشتا ئىشلىتىلەتتى. بۇلارنىڭ كۆپىنچىسى تاشلىۋېتىلەتتى. بۇ پوچتا ماركىسىنىڭ بۈگۈنگىچە ساقلىنىپ قېلىشى بىر مۆجىزە» دېدى.

پوچتا ماركىسىنى 1873-يىلى ئەنگىلىيە گۋىئانادا ياشايدىغان شوتلاندىيەلىك ۋېرنون ۋاگان ئىسىملىق ​​12 ياشلىق بىر بالا تاپقان ئىدى.

ۋاگان بۇ پوچتا ماركىسىنى تاغىسىنىڭ قەغەزلىرىنى ئاختۇرۇش جەريانىدا كۆرگەنلىكىنى ۋە قىممەتلىك دەپ ئويلىغانلىقى ئۈچۈن ساقلاپ قويغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

پوچتا ماركىسى 1980-يىلى مىليونېر جون دۇ پونتقا 935 مىڭ دوللارغا سېتىلىپ رېكورت ياراتقان ئىدى.

پوچتا ماركىسىنىڭ ھازىرقى خوجايىنىڭ بولسا، ئامېرىكالىق مەشھۇر ئاياغ لايىھەلىگۈچى ستۇئارت ۋېيتزمان ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلمەكتە.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر