زېلېنىسكىي: ۋاتىكان پۇتىن بىلەن ئۇچرىشىش ئۈچۈن مۇۋاپىق

ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر زېلېنسكىي رۇسىيە پرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن بىلەن كۆرۈشۈش ئۈچۈن ئەڭ مۇۋاپىق جاينىڭ ۋاتىكان ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

1630005
زېلېنىسكىي: ۋاتىكان پۇتىن بىلەن ئۇچرىشىش ئۈچۈن مۇۋاپىق

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر زېلېنسكىي ئىتالىيەنىڭ «لا رېپۇبلىكا» گېزىتى بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبىتى جەريانىدا، پۇتىن بىلەن كۆرۈشىدىغانلىقىنى ۋە بۇنىڭ دونباستىكى ئۇرۇشقا خاتىمە بېرىش ئۈچۈن شەرت ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتتى.

ئۇ، ئۇچرىشىش ئورنىنىڭ ۋاتىكان ياكى ئەمەسلىكى توغرىسىدىكى بىر سوئالغا«ۋاتىكان تىنچلىق سۆھبىتى ئۆتكۈزۈشكە ئەڭ مۇۋاپىق جاي» دەپ جاۋاب بەردى.

پىرېزىدېنت ۋىلادىمىر زېلېنسكىي، ۋاتىنكاننىڭ بىتەرەپ ئىكەنلىكىنى، شۇ ۋەجىدىن ئۇ يەردىن «ئاكتىيورلار» دىن پەرقلىق ئىكەنلىكىنى قەيت قىلدى.

ئۇ، 26 – ئاپرېل ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتلىق مەھكىمىسى ئىشخانىسى باشلىقى ئاندرىي يېرماكقا پۇتىن بىلەن ئۇچرىشىش ئۆتكۈزۈشنى ئورۇنلاشتۇرۇش توغرىسىدا يوليورۇق چۈشۈرگەنلىكىنى ئېيتقانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر