ياپونىيە پارلامېنتى خىتاينىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق كېلىشىمىنى تەستىقلىدى

ياپونىيە پارلامېنتى ئاسىيا تىنچ ئوكياندىكى 15 دۆلەتنى ئۆز ئىچىگە ئالغان رايون خاراكتېرلىق ئۇنىۋېرسال ئىقتىسادىي ھەمكارلىق كېلىشىمى «RCEP» نى تەستىقلىدى.

1629944
ياپونىيە پارلامېنتى خىتاينىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق كېلىشىمىنى تەستىقلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ياپونىيە پارلامېنتىنىڭ يۇقىرى قانىتى مەسلىھەت كېڭىشى دۆلەتنىڭ «دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ ئەركىن سودا كېلىشىمى» دەپ ئاتالغان رايون خاراكتېرلىق ئۇنىۋېرسال ئىقتىسادىي ھەمكارلىق كېلىشىمى «RCEP» گە قاتنىشىشىنى قوبۇل قىلدى.

دۆلەتلىك مېدىيا ئورگىنى «NHK» ھۆكۈمەت كېلىشىمىدە تەمىنلەنگەن ئېكسپورت، مەبلەغ سېلىش ۋە ئىستېمال پۇرسىتى بىلەن دۆلەتنىڭ ئومۇمىي مىللىي كىرىمىنى %2.7 ئاشۇرۇشنى مۆلچەرلەۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

كيودو ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، رايون خاراكتېرلىق ئۇنىۋېرسال ئىقتىسادىي ھەمكارلىق كېلىشىمى «RCEP» ياپونىيەنىڭ ھەم ئەڭ چوڭ سودا شېرىكى خىتاي ، ھەم ئۈچىنچى چوڭ سودا شېرىكى جەنۇبىي كورېيە تەڭ ئورۇن ئالغان تۇنجى سودا كېلىشىمى ھېسابلىنىدىكەن.

تاۋار سودىسىنىڭ تاموژنا بېجىنى كۆرۈنەرلىك تۆۋەنلىتىشى مۆلچەرلىنىۋاتقان رايون خاراكتېرلىق ئۇنىۋېرسال ئىقتىسادىي ھەمكارلىق كېلىشىمى «RCEP» دۇنيا نوپۇسى ۋە سودىسىنىڭ %30 نى ئۆزئىچىگە ئالىدىغان ئەركىن سودا رايونى بەرپا قىلىشنى مەقسەت قىلىدۇ.

تېنچ ئوكياندا، خىتاي، جەنۇبىي كورېيە، ئاۋىستىرالىيە، يېڭى زېلاندىيە ۋە شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقىغا ئەزا 10 دۆلەت 2020-يىلى نويابىردا رايون خاراكتېرلىق ئۇنىۋېرسال ئىقتىسادىي ھەمكارلىق كېلىشىمى ھاسىل قىلغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر