ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مۇھەممەد جەۋات زارىف ئەربىلدە كۈتۈلمىگەن زىيارەتتە بولدى

مۇھەممەد جەۋات زارىف ئىراقنىڭ پايتەختى باغداتتىكى ئۇچرىشىشلىرىدىن كېيىن، ئەربىلگە يېتىپ باردى ۋە ئىراق كۇرد رايونلۇق ھۆكۈمىتى باش مىنىستىرى ماسرۇر بارزانى بىلەن كۆرۈشتى.

1629774
ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مۇھەممەد جەۋات زارىف ئەربىلدە كۈتۈلمىگەن زىيارەتتە بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىراق كۇرد رايونلۇق ھۆكۈمىتى باش مىنىستىرى ماسرۇر بارزانى تىۋىتتېر ھېسابىدا ئېلان قىلغان باياناتىدا، تاشقى ئىشلار مىنىستىرى زارىفنى ئەربىلدە قايتا كۆرۈشتىن خۇشال بولغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇچرىشىشتا ئۆزئارا مۇناسىۋەت شۇنداقلا رايوننىڭ تىنچلىقى ۋە مۇقىملىقىغا كاپالەتلىك قىلىشنىڭ مۇھىملىقى تەكىتلەندى، تەرەپلەر ئوتتۇرىسىدكى سودا ۋە مەبلەغ سېلىش مۇناسىۋىتىنى تېخىمۇ تەرەققىي قىلدۇرۇش مەسىلىسى مۇزاكىرە قىلىندى.

زارىف ئەربىلدىكى ئۇچرىشىشى جەريانىدا ئىراق كۇرد رايونلۇق ھۆكۈمىتىنىڭ رەئىسى نەچىرۋان بارزانى شۇنداقلا سابىق ھۆكۈمەت رەئىسى مەسۇت بارزانى بىلەنمۇ كۆرۈشتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر