ئامېرىكا ۋاكسىنا ئەملەتكۈزگەنلەر ئۈچۈن ماسكا تاقاش شەرتىنى ئەمەلدىن قالدۇردى

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە كونترول قىلىش مەركىزى، كوۋىد – 19 ۋاكسىنىسىنى تولۇق ئەملىتىپ بولغانلارنىڭ پەۋقۇلئاددە قىستاڭچىلىق بولمىغان بارلىق ئەھۋاللاردا ماسكىسىز يۈرۈشىگە بولىدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

1629793
ئامېرىكا ۋاكسىنا ئەملەتكۈزگەنلەر ئۈچۈن ماسكا تاقاش شەرتىنى ئەمەلدىن قالدۇردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: كوۋىد - 19 ۋاكسىنىسىنى تولۇق (ھەر ئىككى قۇتىسىنى) ئەملىتىپ بولغان ئامېرىكالىقلار ئۈچۈن چىقىرىلغان يېڭى قوللانمىدا، سىرتتا چېنىقىشى، تاماق يېيىشى ۋەياكى ئىجتىمائىي ئالاقە قىلىشىغا بولىدىغانلىقى قەيت قىلىندى.

ۋاكسىنا ئەملەنگەن كىشىلەرنىڭ تېخى ۋاكسىنا ئەملەتكۈزمىگەن باشقا ئائىلە ئەزالىرى بىلەن ئۆي ئىچى ياكى سىرتلاردا ماسكىسىز ۋە ئىجتىمائىي ئارىلىققا دىققەت قىلماستىن ئۇچراشسا بولىدىغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان قوللانمىدا، مەزكۇر كىشىلەرنىڭ ئىچىدە كوۋىد – 19 غا گىرىپتار بولۇش خەۋپىنى ئاشۇرۇۋېتىدىغان بەزى كېسەللىكلىرى بار كىشىلەرنىڭ بولماسلىقى كېرەكلىكى تەكىتلەندى.

بۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە ماسكا تاقاشنىڭ يەنىلا بىخەتەر ئىكەنلىكىگە ئىشارەت قىلغان ئامېرىكا كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە كونترول قىلىش مەركىزىنىڭ باياناتىدا: «ماسكىسىز سىرتقا چىقىشتىن بۇرۇن، ئۆز ئەھۋالىڭىزنى، شۇنداقلا ئائىلىڭىزدىكىلەر ۋە ئەتراپىڭىزدىكى كىشىلەرگە يېتىدىغان ئويلىشىشىڭىز كېرەك» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بېرىلدى.

يەنە بىر تەرەپتىن، كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە كونترول قىلىش مەركىزى، ساتىراچخانا، نەق مەيدان ئويۇن پائالىيەتلىرى، پاراتلار، سودا سارايلىرى، ئىبادەتخانىلار ۋە مۇزېيلارغا ئوخشاش سورۇنلاردا تولۇق ئىممۇنىتېتلانغان كىشىلەرنىڭمۇ ماسكا تاقاشنى داۋاملاشتۇرۇشى تەۋسىيە قىلىندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر