ماكېنزىې ئامېرىكا - تۈركىيە مۇناسىۋەتلىرى توغرىسىدا توختالدى

ئامېرىكا ئارمىيەسى مەركىزىي قىسىملار (CENTCOM) قوماندانى گېنېرال – پولكوۋنىك كېنېت ماكېنزىې، جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان بىلەن پىرېزىدېنت بايدىننىڭ ئۇچرىشىشىنىڭ مۇناسىۋەتلەرنىڭ كەلگۈسى ئۈچۈن پايدىلىق بولىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

1629821
ماكېنزىې ئامېرىكا - تۈركىيە مۇناسىۋەتلىرى توغرىسىدا توختالدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا ئارمىيەسى مەركىزىي قىسىملار (CENTCOM) قوماندانى گېنېرال – پولكوۋنىك كېنېت ماكېنزىې، جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بىلەن ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى جو بايدىننىڭ شىمالىي ئاتلانتىك ئوكيان ئەھدى تەشكىلاتى – ناتو باشلىقلار يىغىنى جەريانىدا ئىشقا ئاشۇرۇلىدىغان ئۇچرىشىشىنىڭ ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرىنىڭ كەلگۈسى ئۈچۈن پايدىلىق ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

گېنېرال ماكېنزىې مەركىزى پايتەخت ۋاشىنگتونغا جايلاشقان American Enterprise Institute ناملىق ئىستراتېگىيە مەركىزىدە ئوتتۇرا شەرقتىكى ئۆزگىرىشلەر توغرىسىدا سۆز قىلدى.

ئۇ، تۈركىيەنىڭ رايوندا، خۇسۇسەن سۈرىيە ۋە لىۋىيەدىكى ئېشىپ بېرىۋاتقان ھەربىي كۈچىنىڭ ئامېرىكانىڭ رايوندىكى پائالىيەتلىرىگە تەسىر كۆرسىتىپ – كۆرسەتمەيدىغانلىقى توغرىسىدىكى بىر سوئالغا: «ئالدى بىلەن، تۈركىيە ئۇزۇندىن بۇيان قىممەتلىك ناتو ئىتتىپاقدىشىمىزدۇر. تۈركىيە بىلەن 5 – ماددا (ناتو كېلىشىمى) غا ئاساسەن ئورنىتىلغان مۇناسىۋىتىمىز بار» دەپ جاۋاب بەردى.

ماكېنزىې، تۈركىيەنىڭ ئىراق ۋە سۈرىيە مەسىلىسىدە ئورۇنلۇق خەۋپسىزلىك ئەندىشىلىرىنىڭ بارلىقىنى ۋە بۇنى چۈشىنىدىغانلىقلىرىنى بىلدۈرۈپ: «تۈركىيە بىلەن بىردەكلىك ھاسىل قىلالايدىغان نۇقتىلىرىمىزنى كۆپەيتىشكە تىرىشىۋاتىمىز. چۈشىنىشمەسلىكلىرىمىز بولسىمۇ، دوست بولۇشنى داۋاملاشتۇرالايمىز. تۈركىيە بىلەن چۈشىنىش ھاسىل قىلالمىغان ساھەلىرىمىز بار، بىراق بۇ جەھەتتىكى ياخشى ئىشارەت، ئالدىمىزدىكى ئاي ئىككى پىرېزىدېنت ناتودا كۆرۈشىدۇ. بۇنىڭ كەلگۈسى ئۈچۈن ناھايىتى ئىجابىي بولىدۇ، دەپ ئويلايمەن» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر