جون كىربى ئافغانىستاندىن چېكىنىش توغرىسىدىكى باياناتىنى ئۆزگەرتتى

ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى باياناتچىسى جون كىربى (John Kirby) ئافغانىستاندىكى ئامېرىكا قىسىملىرى ۋە ناتو قىسىملىرىنىڭ ئافغانىستاندىن چېكىنىش پىلانى توغرىسىدا ئېلان قىلغان باياناتىنى، خاتا سۆزلىگەنلىكىنى ئېيتىپ قايتۇرۇۋالدى.

1629812
جون كىربى ئافغانىستاندىن چېكىنىش توغرىسىدىكى باياناتىنى ئۆزگەرتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا پىرېزىدېنتى جو بايدىن 11-سېنتەبىرگىچە ئافغانىستاندىكى بارلىق ئامېرىكا ئەسكەرلىرىنى چېكىندۈرىدىغانلىقى باياناتىنى ئېلان قىلىپ، ئارىدىن تەخمىنەن ئىككى ھەپتە ئۆتتى. بۇ ۋاقىت ئىچىدە، ئامېرىكا ئارمىيەسى چېكىنىش پىلانلىرىنى ۋە چېكىنىش باشلىنىش بىلەن ئافغانىستاندىكى ۋەزىپىلىرىنىڭ رامكىسىنى بېكىتىشكە تىرىشماقتا.

كۈندىلىك ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا بۇ ھەقتىكى سوئاللارغا جاۋاب بەرگەن جون كىربى، چېكىنىش پىلانىنىڭ مۇشۇ ئاي ئاخىرىغىچە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى لويد ئوستىن (Lloyd Austin) غا سۇنۇلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ چېكىنىش باشلانغاندا ئامېرىكانىڭ ئافغانىستان ئارمىيەسىگە ياردەم بېرىشنى داۋاملاشتۇرىدىغان ياكى داۋاملاشتۇرمايدىغانلىقى توغرىسىدىكى سوئالغا: «1-ماي كەلگەندە، ئافغانىستاندىكى ۋەزىپە ئالمىشىدۇ. ئۇ چاغدىكى ۋەزىپىمىز ئافغانىستان دۆلەت خەۋپسىزلىك قىسىملىرىغا تەلىم-تەربىيە بېرىش ئەمەس، بەلكى ئافغانىستاندىن چېكىنىش بولىدۇ» دېدى.

ئۇ يىغىن ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، تىۋىتتېردا ھەمبەھىرلىگەن ئۇچۇرىدا: «خاتا سۆزلەپ قويۇپتىمەن. ناتو تەلىم-تەربىيە قىسمىنىڭ ۋەزىپىسى 1-مايدا ئاخىرلاشمايدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، ئافغانىستان خەۋپسىزلىك قىسىملىرىغا قىلىۋاتقان ھاۋا جەھەتتىكى ياردىمىمىزنى ئازايتىش ياكى ئۆزگەرتىش توغرىسدىمۇ ھېچقانداق قارار يوق» دېدى.  



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر