بىرمادا توقۇنۇش يۈز بېرىپ 10 ئادەم ئۆلدى
بېرمانىڭ باڭلادېش چېگراسىغا جايلاشقان چىن ئۆلكىسىدىكى سىياسىي ئۆزگىرىشكە قارشى مىللىي قوراللىق تەشكىلات بىلەن بېرما ئارمىيەسى ئوتتۇرىسىدا توقۇنۇش يۈز بەرگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.
1629666
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بېرمانىڭ باڭلادېش چېگراسىغا جايلاشقان چىن ئۆلكىسىدىكى سىياسىي ئۆزگىرىشكە قارشى مىللىي قوراللىق تەشكىلات بىلەن بېرما ئارمىيەسى ئوتتۇرىسىدا يۈز بەرگەن توقۇنۇشتا، بېرما ئارمىيەسىدىن كەم دېگەندە 10 ئەسكەرنىڭ ئۆلگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.