شىۋېتسىيەدىكى بىر مۇسۇلمانلار قەبرىستانلىقى ھۇجۇمغا ئۇچرىدى

شىۋېتسىيەنىڭ مالمۆ شەھىرى روسېنگارد رايونىدىكى مۇسۇلمانلار قەبرىستانلىقى ھۇجۇمغا ئۇچرىدى.

1628924
شىۋېتسىيەدىكى بىر مۇسۇلمانلار قەبرىستانلىقى ھۇجۇمغا ئۇچرىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: روسېنگارد رايونلۇق ساقچى ئىدارىسى، ۋەقەنى تەكشۈرۈۋاتقانلىقىنى، ھۇجۇمچىلارنىڭ 10 مازار تېشىغا بۇزغۇنچىلىق قىلغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

شىۋېتسىيەدىكى «پەرقلىق رەڭلەر پارتىيەسى» باشلىقى مىكائىل يۈكسەل، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان شىۋېتسىيەدە مۇسۇلمانلارغا ئۆچمەنلىك قىلىش قىلمىشلىرىنىڭ ئۇلغىيىپ قالغانلىقىنى بىلدۈردى.

مالمۆ شەھىرىدىكى قەبرىستانلىققا قىلىنغان ھۇجۇمدىن ئەپسۇسلانغانلىقىنى بىلدۈرگەن يۈكسەل، ھۆكۈمەت ۋە سىياسىي پارتىيەلەرنىڭ بۇ خىل ھەرىكەتلەرگە قارشى چارە – تەدبىرلەرنى يولغا قويمىغانلىقىنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر