مالايشىيا ھىندىستان بىلەن بولغان ئايروپىلان سەپەرلىرىنى توختاتتى
مالايشىيا ھىندىستاندا ئوتتۇرىغا چىققان ۋۇخەن ۋىرۇسى (Kovid-19) ۋارىيانتىنىڭ دۆلەتتە تارقىلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ئايروپىلان سەپەرلىرىنى توختىتىشنى قارار قىلدى.
1629138
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مالايشىيا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ئىسمائىل سەبرىياقۇب ھىندىستاندا ئوتتۇرىغا چىققان ۋە «B.1.617 » دەپ ئاتالغان ۋارىيانتقا قارشى يولغا قويۇلغان تەدبىرلەرنى ئېلان قىلدى.
ئۇ ھىندىستان بىلەن مالايشىيا ئوتتۇرىسىدا بىۋاستە ياكى ۋاستىلىك ئۆزئارا ئايروپىلان سەپەرلىرىنىڭ ئەتە (2021-يىلى 28-ئاپرېل) دىن باشلاپ بىر مەزگىل توختىتىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئۇ: «مالايشىيادا خىزمەت قىلىش ۋە تۇرۇش رۇخسىتى بولغان ھىندىستان پۇقرالىرىنىڭ چېگرادىن كىرىشى چەكلىنىدۇ» دېدى.
ئۇ مالايشىيانىڭ ھىندىستاندىن مال كىرگۈزۈش ئىشلىرىنىڭمۇ بىر مەزگىلگىچە توختىتىلىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.